تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى ئورتاق دۈشمەن دەپ بېكىتمەيدۇ» دېدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ ناتوغا رەقىپ ياكى ئىككىنچى تاللاش بولىدىغان ئورگان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى ھەمدە مىنىستىرلىق باياناتچىسى باش بىرىگادا كوماندىرى زەكى ئاقتۈرك مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

زەكى ئاقتۈرك ئۆزئارا ھەمكارلىقلار، رايون خاراكتېرلىك تەشەببۇسلار ۋە كۆپ دۆلەتلىك ۋەزىپىلەر دائىرىسىدە نۇرغۇن جۇغراپىيەلەردە ئۇتۇقلۇق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق ئۈچۈن يېتەكچى رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ دائىرىدە تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا 7-ئاۋغۇستتا مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقتۈرك، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت دۇستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ساھەسىدە تېخىمۇ ئالاھىدە ئورگانلاشقان ھەمدە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىرشەكىلدە تەشكىللىنىشى مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقتۈرك كېلىشىمنىڭ ئاساسىي نىشانىنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا تۆھپە قوشۇش، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى كرىزىسلارغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر كېلىشىم مۇداپىئە مەقسەتلىك بولۇپ، ھېچقانداق بىر دۆلەتنى ئورتاق دۈشمەن ياكى رىقابەتچى دەپ بېكىتمەيدۇ» دېدى.

ئاقتۈرك كېلىشىم دائىرىسىدە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقلىرى، قوراللىق قىسىم قوماندانلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي ۋە ھەربىي مەخسۇس ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

زەكى ئاقتۈرك: «بۇ دائىرىدە قوماندانلىق ئورنى ۋە جغراپىيەلىك مانېۋىرلىرىدىن باشلاپ، كېيىنكى باسقۇچلاردا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا مۇداپىئە ۋە ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئورتاق مانېۋىرلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى نىشان قىلىنماقتا» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى