غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا نېتانياھۇنىڭ «غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش» پىلانىنى قوللامدۇ؟
ئامېرىكا باياناتچىسى تەممىي برۇس بۇ سوئالغا قارىتا: «بۇنى ئىسرائىلىيەدىن سوراش كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.
ئامېرىكا نېتانياھۇنىڭ «غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش» پىلانىنى قوللامدۇ؟
ئامېرىكا نېتانياھۇنىڭ «غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش» پىلانىنى قوللامدۇ؟ / Reuters

ۋاشىنگتون —

ئامېرىكا باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەر بىلەن كونكرېت پىلانلار ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بىزنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىمىز تۇتقۇنلارنى بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇۋېلىش» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ قوللىشى بىلەن غەززەنى پۈتۈنلەي قايتا ئىشغال قىلىش قارارىنى چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىتا ئىزاھات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەممىي برۇس سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەل ئەۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: «ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانلىرى توغرىسىدىكى سوئالنى سىلەر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن سورىشىڭلار كېرەك. تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەر بىلەن كونكرېت پىلانلار ئوخشىماسلىقى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ يەنە: «بىز چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتلىرىنى شەرھلەش ئىشىغا ئارىلاشمايمىز. بىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىمىز ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ھاماسنىڭ غەززەنى قايتا ئىدارە قىلالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

غەززەنى ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ۋەدىسى بىلەن قانداق ماس كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، برۇس: «بۇ سوئالنى پرېزىدېنت ترامپتىن سورىشىڭىز كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

برۇس: «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانى توغرىسىدا قەتئىي چۈشەنچە بەرمەيمەن. نۇرغۇن خەۋەرلەر چىقتى. مەن تاراتقۇ خەۋەرلىرى ياكى باشقا بىر ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىرى توغرىسىدا سۆزلىمەيمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى نېتانياھۇنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى KAN: «نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پۈتكۈل غەززەنى ئىگىلىشىنى خالايدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. «مارىۋ» گېزىتى بولسا، «تەقدىر ئاللىقاچان بېكىتىلدى. بىز غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش يولىغا ماڭدۇق» دېگەن سەرلەۋھە ئاتىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

«ھارېتز» گېزىتى نېتانياھۇنىڭ «ئامېرىكىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن» غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىنى سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەيال زامىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ تۇتقۇنلار ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بولسا، ئارمىيەنىڭ بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، نېتانياھۇنىڭ پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پىلانلانغان ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى يىغىنى، يولغا قويۇشچانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن سەيشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.

ب د ت ۋە ھاماسنىڭ نارازىلىقى

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پىلانى ب د ت، پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە ھاماسنىڭ كەسكىننارازىلىقىنى قوزغىدى. ھاماس ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھۇسام بەدران فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) غا قىلغان سۆزىدە: «ھازىر توپ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەيدانىدا» دېگەن سۆز بىلەن، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش» نى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەر» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى مىروسلاۋ جېنكا بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا: «ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىشى مىليونلىغان پەلەستىنلىك ئۈچۈن ئاپەتلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى شۇنداقلا غەززەدە قالغان تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
غەززە 2025-يىلىمۇ ئىنسانىي ياردەم خادىملىرى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلگەن رايون بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى
ھاماس غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دائىمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاھىرەگە بارىدۇ
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
غەززەدە بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن 40 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 112 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززەدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى