سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتا باشلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئىرانغا ئەڭ زور زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئامىلنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت

«دې ھىل» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېگسېت ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا ئىران مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «ئەگەر كىنېتىك، يەنى بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇملارنى قىلىشىمىزغا توغرا كەلسە، قىلىمىز. ئىران قولىدىكى كوزىرلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشقا سالسا ياكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تىركەشسە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ھازىر ئىرانغا «ئەڭ زور زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئامىل»نىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خېگسېت يەنە: «ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ھېچنېمىنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ، ئەمما بىز ئۆتكۈزەلەيمىز. دۇنيا ئىقتىسادىمۇ بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بوغۇزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن زور تەۋەككۈلچىلىك قىلدى، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى