سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيەدە 3-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغانلىقى بېكىتىپ چىقىلىدۇ.
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ
/ Reuters

جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى خان دۇك-سو جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، سابىق پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا پىرېزىدېنت نامزاتى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 

3-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان تالاش-تارتىشلىق ھەربىي ھالەت قارارى سەۋەبىدىن جەنۇبىي كورېيەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي قالايمىقانچىلىق قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەن سابىق پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغانلىقى بېكىتىپ چىقىلىدۇ. 

بۇ دۆلەتتە سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيشەنبە كۈنى، بىر پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ سايلام قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قايتا سوتلىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىشى ۋە خان دۇك-سونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى مۇھىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. 

خان دۇك-سو پەيشەنبە كۈنى ھەم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ھەم ۋاقىتلىق ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندە، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇ، جۈمە كۈنى سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى:

«مەن چىن دىلىمدىن سۆيىدىغان جەنۇبىي كورېيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ھەممىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىشنى قارار قىلدىم. بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خەلقىمىز تەرىپىدىن سايلىنىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.» 

سابىق باش مىنىستىر خان دۇك-سو ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا سابىق پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى. 75 ياشلىق كەسپىي بىيۇروكراتنىڭ يۇن سۇك يېئولنىڭ خەلقنىڭ كۈچى پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىشى، ھەمدە لىبېرال پىرېزىدېنت نامزات لې جا-ميۇڭغا قارشى كۈرەش قىلىشى كۈتۈلمەكتە. 

خان دۇك-سو ھەم لىبېرال ھەم مۇھاپىزىكار ھۆكۈمەتلەردە مالىيە مىنىستىرى، سودا مىنىستىرى ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى. ئۇ ئۇدا ئىككى قېتىم باش مىنىستىر بولغان، جۈملىدىن ئاۋۋال سابىق پىرېزىدېنت روھ مۇ-خيۇن دەۋرىدە، كېيىن يۇن سۇك يېئول دەۋرىدە باش مىنىستىر بولغان ئىدى. 

نۇتۇقىدا: «جەنۇبىي كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخىرلىك دۆلەت مەمۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىشقا ھاياتىمنى بېغىشلىدىم» دېگەن خان دۇك-سو، ھەم ۋاشىنگتوننىڭ تاموژنا باجلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەم پىرېزىدېنتلىق مۇددىتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا جەنۇبىي كورېيە خەلقىگە ۋەدە بەردى. 

جەنۇبىي كورېيەنىڭ بەش يىللىق پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى ئۇزۇندىن بۇيان  بىر شەخسنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى، يېتەرلىك  كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزملىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.

خان دۇك-سونىڭ باياناتى، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ، كۈچلۈك پىرېزىدېنت نامزاتى لېنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى بىر سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا يالغان بايانات بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبنامەنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ ئەھۋال، لېنىڭ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا نامزات بولۇش پۇرسىتىنى خەتەرگە ئىتتىرىشى مۇمكىن. 

شۇ كۈنى، خان دۇك-سونىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان مالىيە مىنىستىرى چوي ساڭ-موك، ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەربىي ھالەت ۋەقەسى قاتارلىق ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، چوي ساڭ-موكنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىش باسقۇچىغا خاتىمە بېرىلدى. 

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...