ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ھاماسنى مۇرەسسەچىلىك كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى ۋە ۋەزىيەتنىڭ «تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتار بىلەن مىسىرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەكىللىرىنىڭ شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن «ئۇزۇن ۋە نەتىجىلىك سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئىسرائىلىيە، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىدىغان 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلدى» دېدى.

ترامپ ئاخىرقى تەكلىپنىڭ مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ھاماسقا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ھاماسنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى (ئەكسىچە بولغاندا) ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.»

ترامپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «كېلەر ھەپتە ئىچىدە» ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئۇچرىشىشىدا، غەززە ۋە ئىران مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

ترامپ نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكاغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. جۈملىدىن ئىراندىكى چوڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىز ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. غەززە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ سۆھبەتلىشىمىز.»

 ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى  ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

 

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، جەمئىي 56 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىك كۆمۈلۈپ كەتكەن.

بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەقىقىي ئۆلۈم سانى غەززە دائىرىلىرى خەۋەر قىلغاندىنمۇ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

ۋاشىنگتون ئۇزۇندىن بۇيان ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەگە يىلىغا 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ھەربىي مەبلەغ ئاجرىتىپ كەلمەكتە.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى ئۇرۇشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 22 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلدى.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتون ھازىرغىچە قورال - ياراغ يۆتكەشكە شەرت قويۇش تەلەپلىرىگە قارشى چىقماقتا.

ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى