تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: كېنېسسېتنىڭ غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىش قارارى «ئىناۋەتسىز ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەس»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەرىكەتنى قانۇنسىز ۋە قۇترىتىش خاراكتېرلىك ئۇرۇنۇش دەپ ئەيىبلەپ، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا قېلىش ئۈچۈن رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى جانلاندۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە: كېنېسسېتنىڭ غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىش قارارى «ئىناۋەتسىز ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەس»
/ TRT World and Agencies

تۈركىيە، ئىسرائىلىيە كېنېسسېتىنىڭ (پارلامېنتىنىڭ) ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قارارىنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن «ئىناۋەتسىز ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەس» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە بۇ قارارنىڭ رايون مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «غەربىي قىرغاق پەلەستىن زېمىنى بولۇپ، 1967-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇۋېلىش يۆنىلىشىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشى، تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئاجىزلىتىشنى نىشان قىلغان قانۇنسىز ۋە قۇترىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت» دېدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا يەنە: «نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلىرى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشى ھەر كۈنى يېڭى كىرىزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؛ بۇ ئەھۋال خەلقئارا تەرتىپ ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مىنىستىرلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەكلەش كۈچىگە ئىگە تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىپ: «ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كېچىكتۈرمەستىن چەكلەش ۋە توسۇش رولىغا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ خەلقئارا سىستېمىنىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە 1967-يىلى يۈز بەرگەن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بۇيان غەربىي قىرغاقنى ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھۇجۇمىدىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەرىپىدىن 1000 غا يېقىن پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن، 7000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

2024-يىلى 7-ئايدا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تارىخىي قاراردا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق كۆچمەنلەرنى ئولتۇراق رايونلىرىنى بوشىتىشقا چاقىرغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ