ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسپانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى تەڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسپانىيەنىڭ «ياۋروپا ھاۋا يوللىرى» شىركىتى (Air Europa) نىڭ 355 مىليون دوللار قىممىتىدىكى پاي چىكىنى سېتىۋالدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسپانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى تەڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى
ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ياۋروپا بازىرىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىۋاتقاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسپانىيە شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالدى. / Reuters

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY)  ياۋروپادىكى رىقابەتچىلىرى لۇفخانسا (Lufthansa) ۋە فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ك ل م (Air France-KLM) نى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ياۋروپا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى بۆلۈشۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى.


تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى پەيشەنبە (5-نويابىر) كۈنى ئىسپانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ياۋروپا ھاۋا يوللىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋغۇست (2025) تا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە 300 مىليون ياۋرو (355 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى ئۆزگەتىشكە بولىدىغان قەرزگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ قەرز %25 تىن %27 كىچە پايغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ياۋروپا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كۆپ قىسىم پېيى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى گلوبالىيا (Globalia)  گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى خىدالگو (Hidalgo) ئائىلىسىگە تەۋە بولىدۇ. برىتانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (British Airways) نىڭ خوجايىنى ئى ئا ج (IAG)  بولسا گلوبالىيادىن سېتىۋالغان پايچەكلىرى بىلەن ھازىرقى %20 لىك پېيىنى ساقلاپ قالىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپادىكى رىقابەتچىلىرى لۇفخانسا ۋە فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ك ل م  نى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ياۋروپا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى خىدالگو ئائىلىسى بىلەن ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى پاي مىقدارىنى ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

تەخمىنەن 6 ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، زۆرۈر تەڭشەشلەر ئاخىرلاشقاندا ياۋروپا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 1.2 مىليارد ياۋرو (1.4 مىليارد دوللار) دەپ بەلگىلىنىدۇ.

بۇ كېلىشىم ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن بازىرىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە، كىچىكرەك ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە ئىمزالاندى.

كېلىشىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسپانىيە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سانائەت ھۆددىگەرلىك شىركىتى سېپى (SEPI)  دىن ئالغان تەخمىنەن 500 مىليون ياۋرو (575 مىليون دوللار) قەرزىنى پىلاندىكىدىن بىر يىل بۇرۇن قايتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish Airlines announces decision to buy 225 Boeing planes after Trump-Erdogan talks

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە