ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى سۈرىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جېن شاھىن بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جو ۋىلسون: «بۇ جازا تەدبىرلىرى ھازىر ئەسەدنىڭ بۇرۇنقى قۇربانلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر دۆلەتنى جازالاۋاتىدۇ» دەپ يازدى.
ئامېرىكالىق ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى يىللىق دۆلەت مۇداپىئە قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان پەيتتە، دۆلەت مەجلىسى (كونگرىس)گە چاقىرىق قىلىپ، سۈرىيەگە قارىتىلغان «سېزار» جازا تەدبىرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.
كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېموكرات ئەزاسى جېن شاھىن بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جو ۋىلسون مەزكۇر قاراشلارنى، «2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» (NDAA) كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، «Foreign Policy» (تاشقى سىياسەت) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى «سېزار سۈرىيە پۇقرالارنى قوغداش قانۇنى» دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇلار ماقالىسىدە: «بۇ جازا تەدبىرلىرى ھازىر، قايتا قەددىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتقان ۋە ئەسەدنىڭ بۇرۇنقى قۇربانلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر دۆلەتنى جازالاۋاتىدۇ. ئەگەر يۆنىلىشىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، سۈرىيەنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە خەلقنىڭ تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى يوققا چىقىشى مۇمكىن» دەپ يازدى.
ئۇلار يەنە قىسقا مۇددەتلىك ئىمتىياز (كەچۈرۈم قىلىش) لارنىڭ قايتا قۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەبلەغلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە يەتمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇلار يەنە: «دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سۈرىيەلىكلەرنى خىمىيەلىك قوراللارنى تېپىپ يوقىتىش، قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى توختىتىش، دائېشنى يوقىتىش ۋە بارلىق سۈرىيە پۇقرالىرىنى باراۋەر قوغدايدىغان ۋاسىتىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بىز ئۇلارغا يۈكلىگەن نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئورۇنلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۆتكەن ھەپتە 901 مىليارد دوللارلىق «2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى»نى ماقۇللىدى؛ بۇ قانۇن لايىھەسى «سېزار» جازا تەدبىرلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، لايىھە تېكىستى كېڭەش پالاتاسىغا يوللاندى.
«2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.