سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە پۇتىن ئەمەس، بەلكى زېلېنىسكىي توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما زېلېنىسكىينىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىچە تەرەددۇت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە پۇتىن ئەمەس، بەلكى زېلېنىسكىي توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
زېلېنسكىي موسكۋاغا ھېچقانداق زېمىن ئىمتىيازىنى ئاشكارا رەت قىلدى، كىيېۋنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە ھېچقانداق يەرنى بېرىۋېتىشكە ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. (ھۆججەت) / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يوشۇرۇن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە رۇسىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنانىڭ پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قاراش، موسكۋانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىيىتى يوق دەپ قارايدىغان ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەيدانى بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇقارشىدۇر.

چارشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەتتە، ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئاللىقاچان تەييارلانغانلىقىنى، لېكىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىينىڭ بولسا تېخىمۇ ئېھتىياتچان ۋە تەرەددۇت بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ رۇسىيە رەھبىرى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە ئۇ كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇكرائىنانىڭ بولسا كېلىشىم تۈزۈشكە ئانچە نىيىتى يوق دەپ قارايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى نېمە ئۈچۈن تېخىچە ھەل قىلالمىغانلىقى سورالغىنىدا، ترامپ قىسقىلا قىلىپ: «زېلېنىسكىي» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئۇكرائىنا رەھبىرىگە نىسبەتەن يېڭى بىر نارازىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ باھا بېرىلدى. گەرچە ئىككى پىرېزىدېنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇندىن بۇيان تۇراقسىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ترامپ ۋەزىپىگە قايتىپ كەلگەن بىرىنچى يىلى ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلانغاندەك كۆرۈنگەن ئىدى. ترامپ بەزى چاغلاردا، پۇتىننىڭ كاپالەتلىرىگە بەزى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۆپرەك ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىيېۋ، ياۋروپا پايتەختلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

«ئۇ نۇقتىغا كېلىشتە قىينىلىۋاتىدۇ»

بىر نەچچە قېتىملىق ئۈزۈلۈشلەردىن كېيىن، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى سۆھبەتلەر يېقىنقى ھەپتىلەردە، تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەتچىلىرى رۇسىيە بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇكرائىنانى شەرقىي قىسىمدىكى دونباس رايونىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا ياكى مەجبۇرلاشقا ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا تەرەپتە ئالاھىدە ۋەكىل ستېۋ ۋىتكوف ۋە ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارد كۇشنېر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى سۆھبەتلەرگە ئۇكرائىنا دائىرىلىرىمۇ جىددىي قاتناشتى. لېكىن بەزى ياۋروپالىق ئەمەلدارلار پۇتىننىڭ كىيېۋ، ۋاشىنگتون ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى ئورتاق تەييارلىغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقىغا يەنىلا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ترامپ بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىلگىرى سۈرگەن ۋىتكوف بىلەن كۇشنېرنىڭ موسكۋاغا قىلىشى مۇمكىن بولغان زىيارىتى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. كېلەر ھەپتە شىۋىيېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى سورالغىنىدا، ترامپ ئۇ يەردە بولسا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما تېخى بېكىتىلگەن كونكرېت بىر پىلاننىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلدى.

ترامپ: «ئەگەر ئۇ يەردە بولسا كۆرۈشىمەن، مەن ئۆزۈم نېمىلا بولمىسۇن ئۇ يەردە بولىمەن» دېدى. زېلېنىسكىينىڭ سۆھبەتلەردە نېمە ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالماي پەقەت: «مېنىڭچە ئۇ، بىلىسىزغۇ، شۇ نۇقتىغا كېلىشتە قىينىلىۋاتىدۇ،» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا چەكلەندى.

زېلېنىسكىي دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كىيېۋنىڭ ھېچقانداق زېمىنىدىن ۋاز كېچىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، موسكۋاغا زېمىن جەھەتتە يول قويۇش پىكىرىنى ئاشكارا رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ