خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى
تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خەرىتە ۋە جۇغراپىيەلىك ماتېرىياللارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن بۇ قەدەم تاشلاندى.
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى / Reuters

بىر دىگىتال ھەق - ھوقۇق تەشكىلاتى، مايكروسوفت (Microsoft) نىڭ دىگىتال خەرىتىلىرىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، پەلەستىننىڭ جاي ناملىرىغا ئورۇن بەرگەنلىكىنى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە بەزى «خاتا يېتەكچىلىك قىلىدىغان» ئىسرائىلىيە ناملىرىنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرەب ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەرەققىيات مەركىزى (7amleh) نىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزگەرتىشلەرنىڭ «Bing» ئىزدەش ماتورىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئورۇننى ئاساس قىلغان مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە ئىلگىرى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى جايلارنى «يەھۇدا ۋە سامارىيە، ئىسرائىلىيە» دەپ كۆرسىتىدىغان بەلگىلەرنىڭ «غەربىي قىرغاق» تېرمىنى بىلەن ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«يەھۇدا ۋە سامارىيە» ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان بىر تېرمىندۇر. ئەمما خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، غەربىي قىرغاق شەرق قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدىكى بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمىدۇر.

ئەرەب ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەرەققىيات مەركىزى (7amleh) نىڭ ھەق - ھوقۇق قوغداش خىزمەتلىرى مەسئۇلى لاما نازىھ ئۆزگەرتىشلەرنىڭ «زۆرۈر بولغان بىر تۈزىتىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېخنىكا شىركەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ۋە پەلەستىن جۇغراپىيەسىنىڭ «دىگىتال دۇنيادىن ئۆچۈرۈلۈشى» گە ھەسسە قوشماسلىققا چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Cartographic erasure: Netanyahu’s omission of occupied West Bank

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ Bing خەرىتىسىدە ئېلىپ بارغان بىر ئىزدەش نەتىجىسىمۇ، مايكروسوفتنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى تەسۋىرلەشتە «غەربىي قىرغاق» نامىنى قوللانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئەمما سۇپىدىن يېڭىلانمىلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

بۇ ئىلگىرىلەش، يەر شارى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ توقۇنۇشلاردىكى رولى، بولۇپمۇ خەرىتىلەرنىڭ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى جۇغراپىيەلىك ماتېرىياللارنىڭ قانداق كۆرسىتىلىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق مۇھىتتا يۈز بەردى.

يېقىنقى يىللاردا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە ئىشغالچى كۆچمەنلەر، شەرق قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق مىقياسىدا قولغا ئېلىش، ئۆلتۈرۈش، مۈلككە زىيان سېلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇملارنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىپ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پەلەستىن مەسئۇللىرى، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنى رەسمىي ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا. بۇ قىلمىش ب د ت قارارلىرىدا كۆزدە تۇتۇلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈمىدلىرىنى ئەيوققا چىقىرىشى مۇمكىن.

خەلقئارا ئەدلىيە سوتى، 2024-يىلى ئىيۇلدا بەرگەن ئۈلگە خاراكتېرلىك بىر قارارىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ۋە غەربىي قىرغاق بىلەن شەرق قۇددۇستىكى بارلىق ئولتۇراقلىشىش رايونلىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ