خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ «مىكېنو» ناملىق پاراخوتى پەلەستىن سۇ تەۋەلىكىگە كىردى

ئىسرائىلىيەنىڭ 20 قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنسىز ھۇجۇمىغا قارىماي، خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ «مىكېنو» ناملىق پاراخوتى پەلەستىن سۇ تەۋەلىكىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ «مىكېنو» ناملىق پاراخوتى پەلەستىن سۇ تەۋەلىكىگە كىردى / User Upload

غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارا «سۇمۇد» فىلوتىغا قاراشلىق ياردەم ئەترىتىدىكى جەمئىي 223 خەلقئارالىق پائالىيەتچى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ئەمما تۈرك كاپىتان مۇھەممەد كۈچۈكئايتېكىن باشقۇرۇۋاتقان «مىكېنو» ناملىق پاراخوت 20 قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئارىلىشىشقا قارىماي، توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ پەلەستىن سۇ تەۋەلىكىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پەيشەنبە كۈنى X سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، چارشەنبە كېچىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ 15 پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، يەنە سەككىز پاراخوتنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ياكى ھازىر ھۇجۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىلوت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوتلاردىكى 223 پائالىيەتچىنىڭ ئىسمى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىنستىگرام سەھىپىسىدە ئاشكارىلىدى. فىلوتنىڭ رەسمىي كۈزەتكۈچىسى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن 20 پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە 24 پاراخوتنىڭ غەززەگە قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 خەلقئارا غەززەگە ياردەم فىلوتىدا ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان تۈرك پائالىيەتچى ئەردەم ئۆزۋەرەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئولتۇرغان پاراخوت غەززەدىن 30 دېڭىز مىلىدىن ئازراق يىراقلىقتا ئىكەن.

 50 تىن ئارتۇق پاراخوت غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى

 

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى قاچىلانغان پاراخوتلاردىن تەشكىل تاپقان فىلوت ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىققان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 50 تىن ئارتۇق پاراخوت 45 تىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق پۇقراۋى پائالىيەتچى بىلەن بىرلىكتە غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى.

تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ نوپۇسلۇق غەززە ئۇدا 18 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قامال قىلىنماقتا. ئىسرائىلىيە مارت ئېيىدا چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاپ، يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈشنى توسۇش ئارقىلىق قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئەھۋال رايوننى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بومباردىمانلىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 66 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رايوننىڭ ياشاش مۇمكىن شەكىلدە ۋەيران بولغانلىقى، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.