خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
مەسئۇللار كۈل يېغىش ئەھۋالى ئاستىدا خەلقنى ئېھتىياتچان بولۇشقا، ماسكا ۋە كۆزنى قوغدايدىغان بويۇملارنى ئىشلىتىشكە چاقىردى.
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى / AP

ھىندونېزىيە 150 كىلومېتىردىن كۆپرەك يىراقلىققا جايلاشقان ئاناك كراكاتوئا يانار تېغىدىن پۈركۈلگەن كۈللەر سەۋەبىدىن جاكارتانىڭ سىرتىدىكى ئاساسلىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىكى پائالىيەتلەرنى توختاتتى.

قاتناش مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سوكارنو-ھاتتا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى رايونىدا ۋولقان كۈللىرىنىڭ تارقالغانلىقىدىن ئىبارەت ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ئىجابىي چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئايرودۇرۇمنىڭ تاقىلىش ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 غا قەدەر ئۇزارتىلدى»  دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ھىندونېزىيەنىڭ ئاپەت زىيانلىرىنى ئازايتىش ئورگىنى BNPB نىڭ باياناتچىسى بېرتون پانجايتان ۋولقان كۈللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى لامپۇڭ ۋىلايىتى ۋە جاۋادىكى بانتىن ۋىلايىتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئاقساتقانلىقىنى ئېيتتى.

پانجايتان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خەلقنى تەمكىن بولۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەدبىرنى قولدىن بەرمەسلىككە چاقىرىمىز. كۈل ياغقان ئەھۋالدا، ۋولقان كۈللىرى كۆرۈش ئارىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا، پۇقرالارنىڭ ماسكا ۋە كۆزنى قوغدايدىغان بويۇملارنى ئىشلىتىشى، سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى ئازايتىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشى ۋە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئېھتىياتچان بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.»

يەرلىك ئاخبارات ئورگىنى «كومپاس» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ۋە رايون ئاھالىلىرى كۈل سەۋەبىدىن كۆزلىرى ئاچچىققا تولىدىغان بولغاچقا شەنبە كۈنى نۇرغۇن مەكتەپلەر پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بېلىقچىلارمۇ پارتلاش سەۋەبىدىن بېلىقچىلىق سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئاپەتنى ئازايتىش ئورگىنى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يانار تاغدىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى خەۋپىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە