خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىندا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
فىلىپپىندىكى يەر تەۋرەش مىنداناۋ رايونىدىكى ماناي يېىزىسىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەردى.
فىلىپپىندا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
فىلىپپىندا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى / AA

جەنۇبىي فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.4 بال يەر تەۋرىدى. فىلىپپىن يەر تەۋرەش ئىدارىسى قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 فىلىپپىن يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تېرېسىتو باكولكول يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەر تەۋرەش مىنداناۋ رايونىدىكى ماناي يېزىسىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:43 دە يۈز بەردى.

يەر تەۋرەش ئىدارىسى يەر تەۋرەشتىن قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

ئالدىمىزدىكى ئىككى سائەت ئىچىدە دۆلەتنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى دولقۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ رايونلاردىكى دېڭىز بويى ئاھالىسىگە «دەرھال ئېگىز جايلارغا چىقىش ياكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا قاراپ يۆتكىلىش» تەۋسىيە قىلىندى.

ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق زىيان ياكى ئۆلۈم – يېتىم خەۋىرى ئېلان قىلىنمىدى.

بۇنىڭدىن 11 كۈن ئىلگىرىمۇ فىلىپپىننىڭ سېبۇ ئارىلىدا  6.9 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەن، ئاپەتتە 74 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 72 مىڭ ئۆي ۋەيران بولغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى