سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
دوھا تېپىشمىقىنىڭ سىرى يېشىلدى: ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ

تەرەپلەرنىڭ دوھادا ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقىغا دائىر بىر-بىرىگە زىت باياناتلار بېرىلىۋاتقان ئىدى.

قاتار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن كۈيۈئوغلى جارېد كۇشنېرنىڭ پايتەخت دوھادا ئىرانلىق ۋەكىللەر بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماجىد بىن مۇھەممەد ئەلئەنسارى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنىڭ توختاپ قالىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قاتارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ۋە مىنا تازىلاشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كۇشنېر بىلەن ۋىتكوف باشچىلىقىدىكى ئامېرىكالىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دوھادا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىرانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەنسارى: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كۆرۈشۈش قارارى يوق» دېدى.

توڭلىتىپ قويۇلغان 6 مىليارد دوللارلىق ئىران مەبلىغىنىڭ بولسا تېخى تېھرانغا يۆتكەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەنسارى: «بۇ مەبلەغ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىلغان 2023-يىللىق كېلىشىمگە ئاساسەن ئىرانغا قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئەنسارى توڭلىتىپ قويۇلغان ئىران مەبلىغىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھورمۇز بوغۇزىدا جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىۋاسىتە ئالاقە لىنىيەسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەنسارى مۇنداق دېدى:

«ھورمۇز بوغۇزى ۋە پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشى مەسىلىسىدە ئومان سۇلتانلىقى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ھورمۇز بوغۇزىنى تازىلاشقا فىرانسىيەنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.»

ئەنسارى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ۋە دېڭىز قاتنىشىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دېڭىزدا قاتناش ئەركىنلىكى بارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بىر ھوقۇقتۇر. بۇنىڭ تاقىۋېلىنىشى ياكى تەھدىتكە ئۇچرىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ھېچكىمنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشلەرنى توسۇپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەنسارى، نۆۋەتتە بولۇپمۇ رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىقنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ