تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان بىلەن دىبەيبە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
ئەنقەرە باش مىنىستىر دىبەيبە بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى «يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى»نى، شۇنداقلا «بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش يولىدا ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
ئەردوغان بىلەن دىبەيبە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
Turkish President Recep Tayyip Erdogan meets with Libyan PM Abdul Hamid Dbeibeh within the 4th edition of the Antalya Diplomacy Forum [FILE]. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى «يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى»نى، شۇنداقلا «بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش يولىدا ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا، باشتا ئېنېرگىيە بولۇپ، نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئورتاق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بىلەن لىۋىيە 2025-يىلى 7-ئايدا كانچىلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىر ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانىدى.

بۇ كېلىشىمگە تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى  (DEİK)، تۈركىيە-لىۋىيە سودا كېڭىشى، لىۋىيە دۆلەتلىك كانچىلىق ئىدارىسى، لىۋىيە كۆرگەزمە ۋە يىغىنلار باش ئىدارىسى بىلەن ئىمار لىۋىيە پاي كونتروللۇق شىركىتى ئىمزا قويغان.

مەزكۇر ئۈچ ساھەدىكى ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (DEİK) قارمىقىدىكى تۈركىيە-لىۋىيە سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇرتەزا كارانفىل بىلەن ئىمار لىۋىيە پاي كونتروللۇق شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فۇئاد ئەلئەۋۋام تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ