خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت سۈرىيەنىڭ ۋاقىتلىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنى «ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ب د ت باياناتچىسى سۈرىيەدىكى ۋاسىتىلىك سايلامدا ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ب د ت سۈرىيەنىڭ ۋاقىتلىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنى «ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى
ناۋار نەجمە - سۈرىيە ئالىي سايلام كومىتېتى باياناتچىسى. 06-ئۆكتەبىر، 2025. / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ب د ت سۈرىيەدە ۋاقىتلىق بىر ئورگان ۋە قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا «دۆلەتنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىكى جىددىي ۋە مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاشلانغان <مۇھىم بىر قەدەم>» دەپ باھا بەردى.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ «تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسىتىلىك سايلامنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەنلكىى»نى بىلدۈرۈپ: «ئەلۋەتتە، بىز رەسمىي نەتىجىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ۋە مەجلىستە بوش قالغان ئورۇندۇقلارغا پىرېزىدېنت تەرىپىدىن كىشى تەيىنلىنىشىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزىتىمىز» دېدى.

ستېفان دۇجاررىك: «ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ئىشخانىسى ئومۇمىي جەھەتتىن سايلام جەريانىغا ئارىلىشىپ باقمىدى، بىزدىن ھېچقانداق سايلام ياردىمى تەلەپ قىلىنمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «شۇنداقتىمۇ، ۋاقىتلىق بىر ئورگان ۋە ۋاقىتلىق قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى جىددىي قانۇنىي ۋە ئورگان خاراكتېرلىك مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئالاھىدە ۋەكىلىمىزنىڭ ئىشخانىسى، ئۆتكۈنچى باسقۇچتا خەلق مەجلىسى خىزمەتلىرىنىڭ ئاشكارا، ئوچۇق ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دۇجاررىك، سۈرىيە جەمئىيىتىنىڭ بارلىق تەركىبىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «يەنىلا مۇھىم تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكى»نى بىلدۈردى.

بۇ باياناتلار يەكشەنبە كۈنى سۈرىيەدە خەلق مەجلىسى ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسىتىلىك سايلامغا قارىتا ئېلان قىلىندى. بۇ سايلام، ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سايلام ھەيئەتلىرىدىن سايلانغان تەخمىنەن 6000 سايلىغۇچى، 210 ئورۇندۇقلۇق مەجلىسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى بېكىتىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

يېڭى ئۆتكۈنچى تۈزۈم دائىرىسىدە، 140 ئورۇندۇق بۇ ۋاسىتىلىك بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلدى؛ قالغان 70 ئەزا بولسا پىرېزىدېنتنىڭ پەرمانى بىلەن تەيىنلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز