سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە: ھەربىي تاللىشىمىز تەييار
رۇسىيە پاراخوتى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىلىرىغا لازېر نۇرى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە «ھەربىي تاللاشلار تەييار» دېدى
ئەنگلىيە: ھەربىي تاللىشىمىز تەييار
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون خېلىي رۇسىيەنىڭ ئىستىخبارات پاراخوتى توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. ئا پ. / AP

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون خېلىي (John Healey) بىر رۇسىيە ئىستىخبارات پاراخوتىنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلا جايدا كۆزۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەنگلىيەنىڭ موسكۋانىڭ يىرىكچىلىكنى تېخىمۇ ۋە ھەر قانداق شەكىلدە ئۇلغايتىشىغا «تەييار» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە پاراخوتى ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.

ئۇ چارشەنبە (18-نويابىر) كۈنى داۋنىڭ كوچىسى (باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى) دا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق پاراخوتى- يانتار (Yantar) شوتلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەنگلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلا بىر يەردە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئەنگلىيەنىڭ كەڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى. بۇ پاراخوت ئاخبارات توپلاش ۋە بىزنىڭ دېڭىز ئاستى كابېللىرىمىزنىڭ خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇ پاراخوتنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ۋە ئىز قوغلاش ئۈچۈن خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى (RAF) نىڭ ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتتۇق، بۇ جەرياندا يانتار پاراخوتى ئۇچقۇچىلىرىمىزغا لازېر نۇرىنى توغرىلىدى،» دېدى.

بىز تەييار

دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون خېلىي: «رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇ يانتار ناملىق پاراخوتنىڭ مۇشۇ يىل (2025) ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئەنگلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ رۇسىيەگە ۋە (پىرېزىدېنت ۋلادىمىر) پۇتىنغا دەيدىغىنىم شۇكى بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز، نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىمىز، ئەگەر بۇ ھەپتە يانتار جەنۇبقا قاراپ ماڭسا، بىز تەييار. مەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توقۇنۇش قائىدىسىنى ئۆزگەرتتىم.  شۇنداق بولغاندا يانتار پاراخوتىنىڭ بىزنىڭ كەڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزدىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتەلەيمىز» دېدى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى (RAF) دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان نىشانلارنى دائىملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇمىدىن بۇيان، رۇسىيە پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى كۆزىتىش ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى.

غەرب ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيەنى «كۆلەڭگە فىلوت» (يوشۇرۇن فىلوت) ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق پاراخوتلىرى ئارقىلىق ھالقىلىق دېڭىز ئاستى ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى كۆزىتىۋاتىدۇ، دەپ قايتا-قايتا ئەيىبلىدى. موسكۋا بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئادەتتە ئاساسسىز دەپ رەت قىلىپ كەلدى ياكى سۈكۈت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»