خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «ئامېرىكا ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىسا، جاۋابىمىز ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى
ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىران ھۆكۈمىتى، واشىنگتوننى مۇزاكىرىلەردە «ھەددىدىن زىيادە تەلەپلەردە بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.
ئىران: «ئامېرىكا ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىسا، جاۋابىمىز ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى
ئىران: «ئامېرىكا ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىسا، جاۋابىمىز ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى

ئىراننىڭ باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەتكە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن باشلىغان تەقدىردە، تېھراننىڭ «ۋەيران قىلغۇچ» بىر جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئالتە ھەپتە داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە ئارمنيە كۈچىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد باقىر قالىباف شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «قوراللىق كۈچلىرىمىز ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە ئۆزلىرىنى شۇنداق بىر شەكىلدە قايتىدىن قۇردىكى، ئەگەر ترامپ يەنە بىر قېتىم ئەخمەقلىق قىلىپ ئۇرۇش باشلىسا، بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن جەزمەن ئۇرۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكىدىنمۇ ئازابلىق ۋە ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ.»

قالىباف بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ئۈچۈن دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىر بىلەن پايتەخت تېھراندا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويدى.

جۈمە كۈنى تېھرانغا يېتىپ بارغان مۇنىر، ترامپنىڭ 8-ئاپرېلدىن بۇيانقى سەزگۈر ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىرانلىق مەسئۇللار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.

بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى بىلەن پارتلىغان بولۇپ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ رايون مىقىياسىدىكى نىشانلارغا قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇنىر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن جۈمە كۈنى كېچىدە جىددىي تۈستە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن كۆرۈشكەن. مىنىستىرلىق، ئىككى تەرەپنىڭ «جىددىيلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېقىنقى دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلار ھەمدە تەشەببۇسلار» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران پىرېزدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىمۇ، مۇنىرنىڭ شەنبە كۈنى ئاراقچى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشىدىن بۇرۇن، ئىران جۇپىرېزىدېنتى مەسئۇد پېزەشكىيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئائىت سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بۇ كۆرۈشۈشنىڭ «ئىنتايىن ئەتراپلىق ۋە نىسبەتەن ئۇزۇن» داۋاملىشىدىغان قانۇنىي بىر مۇزاكىرە بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ يەتكۈزۈشىچە، ئاراقچى يەنە تۈركىيە، ئىراق ۋە قاتاردىكى سەپداشلىرى بىلەنمۇ دىپلوماتىيەلىك تېلېفون سۆھبەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئىرنا ئاگېنتلىقى، ئاراقچىنىڭ ئومانلىق مەنسەپدىشى بەدر ئەل-بۇسائىدى بىلەنمۇ «جىددىيلىكنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلار ۋە يۈزلىنىشلەر» ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئومان دۆلىتى، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ۋاسىتچىلىق قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ توقۇنۇشتا پاكىستانمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋاسىتچى بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە نامايەن بولماقتا.

ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىران ھۆكۈمىتى بولسا، واشىنگتوننى مۇزاكىرىلەردە «ھەددىدىن زىيادە تەلەپلەردە بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا ئىسلامئاباد ساھىبخانلىق قىلغان بىۋاسىتە سۆھبەتلەر بىلەن بىرگە، ھەپتىلەپ داۋاملاشقان پەردە ئارقىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلار، توقۇنۇشنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan's Asim Munir in Tehran as Iran weighs peace deal and US reportedly mulls new strikes
ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى