تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى؛ بۇنىڭ جىددىيچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسجىدى ئەقسانىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە پەيشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيەلىك بىر مىنىستىرنىڭ بىر تۈركۈم ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيەلىك بىر مىنىستىرنىڭ بىر تۈركۈم قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە مەسجىدى ئەقساغا قىلغان باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.

مۇسۇلمانلارغا تەۋە مۇقەددەس جاي بولغان مەسجىدى ئەقسانىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ، رايوندىكى جىددىيچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش خەۋپى باردۇر.

خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە بىر قېتىم پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس بىلەن مۇقەددەس جايلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

نېگېۋ ۋە جەلىلىيە ئىشلىرى مىنىستىرى يىتزاق ۋاسسېرلاۋف، ئىبرانىي تەقۋىمى بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلى شەرقىي قۇددۇسنى بېسىۋالغانلىقىنى خاتىرىلەشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى چارشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقسا قورۇسىغا باستۇرۇپ كىردى.

ۋاسسېرلاۋف دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر رەھبەرلىكىدىكى ئاشقۇن ئوڭچىل «ئوتزما يەھۇدىت» پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرىمۇ بېن-گۋىر بىلەن بىرلىكتە مەسجىدى ئەقسا قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى؛ بۇ ئەھۋال پەلەستىنلىكلەر بىلەن بىرگە مۇسۇلمان ۋە ئەرەب ئەللىرى تەرىپىدىنمۇ قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە گۇرۇھلىرى، شەرقىي قۇددۇسنىڭ 1967-يىلىدىكى ئىشغالىيىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسا قورۇسىغا تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇپ كىرىش چاقىرىقىدا بولدى، شۇنداقلا پەيشەنبە كۈنى شەھەردە «بايراق يۈرۈشى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى