سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا زېمىن ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسى بويىچە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىخا رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، زېمىن ۋە زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا زېمىن ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسى بويىچە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار
زېلېنسكىي لىتۋانىيەنىڭ ۋىلنىيۇس شەھىرىدىكى پىرېزىدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا، 2026-يىلى 25-يانۋار، ئا پ. / AP
2026-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىخا پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن 20 ماددىلىق تىنچلىق پىلانىدىكى «ئەڭ سەزگۈر» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سەيشەنبە (2026-يىلى27-يانۋار) كۈنى ئۇكرائىنا «ياۋروپا ھەقىقىتى»  (European Pravda) تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئۆتكەن يىلى (2025) نويابىردىن باشلاپ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان تىنچلىق پىلانىنى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما «ئەڭ سەزگۈر» مەسىلىلەر، يەنى زېمىن ۋە زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ: «پىرېزىدېنت زېلېنسكىي دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار» دېدى.

ئۇ يەنە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، «پاراللېل يوللارنى پەيدا قىلماسلىق» كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەت گۇرۇپپىلىرى بار، ھازىرچە قوشۇمچە يوللارنى قۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئەمەس ھەم زۆرۈرىيىتى يوق.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump hails ‘very good’ Zelenskyy talks as Ukraine, Russia set for US-led meeting in UAE

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە باھا بېرىپ، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەشلەر بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەبۇزەبىدە ئىككى تەرەپلىك مۇزاكىرىلەرنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ۋە سۆھبەتنى «ناھايىتى مۇرەككەپ» دېيىش بىلەن بىرگە، سۆھبەتلەرنىڭ «ناھايىتى كەسكىن» بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋەكىللىرى قاتناشقان ئايرىم سۆھبەت يولىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش پارامېتىرلىرى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى قانداق نازارەت قىلىش ياكى دەلىللەش توغرىسىدا «مەزمۇنلۇق» مۇنازىرەلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان 20 ماددىلىق رامكا ھۆججىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان ئىككى تەرەپلىك ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«ئامېرىكا رۇسىيە بىلەنمۇ (ئايرىم) ئىمزالىشى كېرەك. ھازىرچە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان قۇرۇلما دەل مۇشۇنداق، ئەمما سۆھبەت يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ بىر جەريان.»

دۈشەنبە كۈنى (26-يانۋار)، زېلېنسكىي كەچلىك نۇتقىدا رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشى ئۈچۈن دەسلەپكى مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ 1-فېۋرال (2026) يەنە كۆرۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nearly 1.2M Russian and 600,000 Ukrainian troops killed, wounded, or missing — study

شۇ كۈنى كرېمىل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىقىدىكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ كېلەر ھەپتە يەنە ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى، ئەمما ئېنىق ۋاقتىنىڭ ئۇقتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا 23-24-يانۋار كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەبۇزەبىدە ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. كىيېۋ بىلەن ۋاشىنگتون سۆھبەتنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى، پېسكوۋ بولسا، ئۇچرىشىشنىڭ ئىجابىي باشلانغانلىقىنى، ئەمما «ئالدىدا تېخى نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقى» نى ئېيتتى.

پەيشەنبە (22-يانۋار) كۈنى، ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدە «نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر» نىڭ بولغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلىگە مەركەزلىشيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان