خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئۆتۈش كارىدورىنىڭ كەڭلىكى 7 مىل، جەنۇبىي كارىدور تاقالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى كازىم غەرىبئابادى، ئومان بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋاقىتلىق قاتناش لىنىيەسىنىڭ كەڭلىكىنىڭ 7 مىل قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ۋە جەنۇبىي كارىدورنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئۆتۈش كارىدورىنىڭ كەڭلىكى 7 مىل، جەنۇبىي كارىدور تاقالدى
(ئارخىپ) كازىم غەرىبئابادى: «ئامېرىكىنىڭ مىنا تازىلاش پاراخوتلىرى رايونغا كىرسە، بىز ئۈچۈن نىشان بولىدۇ»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى كازىم غەرىبئابادى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزىدا ئورتاق كارىدورنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ جەنۇبىي كارىدورنىڭ تاقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەرىبئابادىنىڭ ئېيتىشىچە، كېلىشىم دائىرىسىدە بوغۇزدىكى ۋاقىتلىق قاتناش لىنىيەسىنىڭ كەڭلىكى 7 مىل قىلىپ بېكىتىلگەن. ئومان جەنۇبىي لىنىيەنى پۈتۈنلەي تاقاشقا قوشۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىران قوراللىق قىسىملىرى بۇ لىنىيەدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ.

ئۇ مەزكۇر لىنىيەنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئومان بىلەن دائىملىق لىنىيە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەرىبئابادى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ يەنىلا تاقاق ئىكەنلىكىنى ۋە ئىراننىڭ بوغۇزنى تولۇق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىغا دائىر قاراشلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ «ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پەقەت ئىران بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە ئېچىلىدىغانلىقى»نى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئامېرىكا بوغۇزنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ۋەدىلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك»

غەرىبئابادى: «ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشقا دائىر ھەرقانداق قەدەم تاشلىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئۆزى خىلاپلىق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھورمۇز بوغۇزى پەقەت بارلىق فىرونتلاردىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، قامالنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە يەمەن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بەدىلىگە قايتا ئېچىلىدۇ» دېدى.

بوغۇزدىكى مىنا مەسىلىسى

غەرىبئابادى ئامېرىكالىق بەزى ئەمەلدارلارنىڭ مىنالارنىڭ تازىلانغانلىقى ۋە قالغان مىنالارنى تازىلاش ئۈچۈن پاراخوت ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئەگەر ئامېرىكا مىنالارنىڭ پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقىنى دەۋا قىلسا، نېمىشقا بىرەر ئامېرىكا پاراخوتى بوغۇزدىن ئۆتمەيدۇ؟ ئەگەر ئۇلار مىنالارنى تازىلىغان بولسا، نېمىشقا ئۆتمەيدۇ؟ بۇ مىنالارنىڭ ئورنىنى ئىراندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».

ئۇ ئامېرىكانىڭ مىنا تازىلاش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىش پىلانىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكانىڭ مىنا تازىلاش پاراخوتلىرى رايونغا كىرسە، بىزنىڭ نىشانىمىزغا ئايلىنىدۇ. ترامپنىڭ مىنا تازىلاشقا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرى پەقەت بازارلارنى تىنچلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار