ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ئىراننىڭ پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسىنى قوللىدى، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتشىنى رەت قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىپ، ئىراننىڭ تىنچلىق مەقسىتىدىكى يادرو ئېنېرگىيە ھوقۇقىنى قوللىدى.
پۇتىن ئىراننىڭ پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسىنى قوللىدى، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتشىنى رەت قىلدى
پۇتىن ئىراندا يادرو قوراللىرىنى مەنئى قىلىدىغان پەتىۋانىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىراندىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارىتا موسكۋانىڭ مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

پۇتىن شەنبە كۈنى «‹Sky News Arabia› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تېھراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىراندا يادرو قوراللىرىنى مەنئى قىلىدىغان پەتىۋا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، بۇ دىنىي ھۆكۈم ئىراننىڭ مەيدانىدا ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel's interception rate of Iranian missiles 'decreasing' as Tehran sustains retaliation

 پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسى

 

پۇتىن يەنە، رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. 

13-ئىيۇن كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندىكى ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلار، تېھراننىڭ ئىنتىقام ئېلىش ھۇجۇملىرى بىلەن داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈندىن بۇيان ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 25 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغان.

ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 639 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1300 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Iran unleashes fury at IAEA chief, calling him 'partner' in Israel's 'war of aggression'

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز