خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتايدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 كىشى ئۆلدى
خىتاي تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى ۋەقەنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتايدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 كىشى ئۆلدى
جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ شەھىرىدىكى بىر پوجاڭزا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆت ئۆچۈرگۈچىلەر ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. / Reuters

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا جايلاشقان بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا كەم دېگەندە 21 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 61 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا سەيشەنبە كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، پارتلاشنىڭ دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا 500 گە يېقىن قۇتقۇزۇش خادىمى ئەۋەتىلىش بىلەن بىرگە، خەۋپ ئاستىدىكى رايونلاردا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئەمەلدارلار نۆۋەتتە پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش يۆنىلىشىدە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىش بىلەن بىرگە، ۋەقەدىن كېيىن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش باشلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتايدا ئېتىلداق سانائىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت ھادىسىلىرى ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن يىلى خۇنەندىكى باشقا بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا؛ 2023-يىلى دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تيەنجىن شەھىرىدە ئولتۇراق بىنالارغا تۇتاشقان پارتلاشلاردا ئۈچ كىشى قازا قىلغان ئىدى. فېۋرال ئېيىدا خۇبېي ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان ئېتىلداق دۇكانلىرىدىكى پارتلاشلاردا بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 ۋە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى