ترامپ شى جىنپىڭنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى  2025-يىلى 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.

ترامپ / TRT Uyghur

ئامېرىكانىڭ قايتا سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.

تەكلىپ خەۋىرى، ترامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەھدىت سېلىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كەلدى.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «تىكتوك» نى سېتىشنى ياكى چەكلەشنى مەجبۇرىي قىلىدىغان قانۇننىڭ 2025-يىلى 19-يانۋاردا كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇشىغا قارىماي، ترامپنىڭ نۇرغۇن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى 2025-يىلى 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

شى جىنپىڭنىڭ ترامپنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.