خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالارنى ئۇكرائىنادا تۇرماسلىق ۋە بۇ دۆلەتكە سەپەر قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى / Reuters

روسىيە كىيېۋدا تۇرۇۋاتقان چەتئەل پۇقرالىرى ۋە دىپلوماتلارنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىدىن ئايرىلىشقا ۋە بۇ دۆلەتكە سەپەر قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، شەھەر ئاھالىلىرىنىمۇ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەسلىھەلەردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتتا، موسكۋانىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدىكى ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ روسىيە پۇقرالىرىغا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا: «روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل پۇقرالىرىنى ئۇكرائىنادا تۇرماسلىقى ۋە بۇ دۆلەتكە سەپەر قىلماسلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇ» دېيىلدى.

مىنىستىرلىق: «كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغانلارغا ئائىتتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, Ukraine trade strikes, killing three in Kiev region, prompting Polish airspace measures

«ئەجەللىك خەتەر» ئاگاھلاندۇرۇشى

مىنىستىرلىق مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ تۇنجى بولۇپ 25-مايدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا تەپسىلىي تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە چەتئەللىك شېرىكلەرگە رەسمىي دىپلوماتىك نوتىلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۇنىڭدىن سىرت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى مىخائىل گالۇزىننىڭ 27-ماي دىپلوماتىك ۋەكىللەرگە بەرگەن دوكلاتىدا تەكرارلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

موسكۋا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، نورۋېگىيە ۋە شىۋېيتسارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ پۇقرالىرىنى ئۇكرائىناغا سەپەر قىلماسلىق توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاۋغۇست ئېيىدا تەكرارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق: «كىيېۋدا نۇرغۇنلىغان ئەلچىخانىلار پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە چەتئەل ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلارنىڭ «ئۆزلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەجەللىك خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا: «روسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسىملىرى كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تۆت يېرىم يىلدىن ئاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويدى.



ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى