تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر خاقان فىدان: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى قانۇنلۇق ھەمكارلىقىنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىر خاقان فىدان: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ»
/ AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان: «شارا (شەرئ) ھاكىمىيىتىنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن رايوننىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

فىدان ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ۋە رايوندىكى رولىغا باھا بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رايوندا بىر قەدەر ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالغاندا، فىدان تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى قانۇنلۇق ھەمكارلىقنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىدان بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىكى باياناتىدا، ئەگەر سۈرىيەدىكى گۇرۇپپىلار دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا يۈزلەنسە، تۈركىيەنىڭ بۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان بىۋاسىتە تەھدىت دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە، ئەگەر بۇ گۇرۇپپىلار پارچىلىنىشنى مەزمۇن قىلمىغان تەلەپلەر بىلەن كەلسە، ئەنقەرەنىڭ ئۇلار بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا ۋە تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

فىدان: «ئىسرائىلىيە ئۆز رايونىنى بارغانسېرى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بىر خىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا مۇقىم بىر دۆلەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە سۈرىيەنى پارچىلاشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايوندىكى ئاكتىيورلارنىڭ سۈرىيەنىڭ تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىسىغا ياكى قالايمىقان كۆچمەنلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ دۆلەتتە تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىشقا يۈزلەنگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىدان تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رايوندىكى توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»