سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراق باش مىنىستىرى سايلام غەلىبىسنى جاكارلىدى
ئىراق سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %56.11 بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىراق باش مىنىستىرى سايلام غەلىبىسنى جاكارلىدى
ئىراق باش مىنىستىرى سۇدانىنىڭ بىرلەشمىسى سايلامدا غەلىبە قىلدى.
2025-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى

ئىراقنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەس-سۇدانى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە سۆزلىگەن نۇتقىدا، بىرلەشمىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرى  مۇھەممەد شىيا ئەس-سۇدانى چارشەنبە (12-نويابىر) كۈنى تېلېۋىزوردا سۆزلىگەن نۇتقىدا، غەلبىسىنى ئىراق خەلقىنىڭ غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: « پارلامېنت سايلىمىدا بىرلەشمىمىزنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. پات ئارىدا ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى باشلىنىدۇ» دېدى.

بۇرۇنراق دۆلەتنىڭ سايلام كومىتېتى مۇھەممەد شىيا ئەس-سۇدانى رەھبەرلىكىدىكى «ئىمار ۋە تەرەققىيات بىرلەشمىسى»نىڭ ئىراق پارلامېنت سايلىمىدا كۈچلۈك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

سايلام كومىتېت ئېلان قىلغان دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، ئەس-سۇدانىنىڭ بىرلەشمىسى 4 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ 411 مىڭ 26 ئاۋازىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى ئورۇندا سابىق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەل-ھالبۇسى رەھبەرلىكىدىكى «تەرەققىيات پارتىيەسى»، ئۈچىنچى ئورۇندا بولسا سابىق باش مىنىستىر نۇرى ئەل-مالىكى باشچىلىقىدىكى «قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسى» تۇرغان.

كومىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەملىكەت بويىچە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %56.11 بولغان.

سەيشەنبە (11-نويابىر) كۈنىدىكى سايلامدا ئەس-سۇدانى ئىككىنچى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن نامزات بولغان.

نۇرغۇن ئۈمىدسىزلەنگەن ياش سايلىغۇچىلارنىڭ سايلام ئاۋازىنى مۇقىم پارتىيەلەرنىڭ ئىراقنىڭ نېفىت كىرىمىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋاستىسى دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەس-سۇدانى بۇنىڭغا قارىماي، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تۇراقسىزلىقتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىراقنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ھاكىمىيەت بېشىغا ئېلىپ كەلگەن پارتىيەلەرگە قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى قانلىق توقۇنۇش قايتىدىن ئەۋج ئالدى
تۈركىيە ب د ت دا: غەززە — ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر «سىگنال»
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان ھىزبۇللاھىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا «يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ» سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىشنى تېزلىتىشنى پىلانلىماقتا
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
تۈركىيە ئامېرىكادىن قايتۇرۇلغان ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ
پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا»
ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكا بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مۇھىتتا، 5600 يېڭى ئەسكەر قەسەم ياد قىلدى
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
سائۋ پاۋلۇ كىتابخانىسىدىكى بۇلاڭچىلىقتا 13 ئەسەر ئارىسىدا 8 ماتىس ئوقۇبى ئوغرىلاندى
سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى