خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناميىشلىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانماقچى
فىرانسىيەدە ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپنى قورشىۋېلىش نامايىشلىرىغا قارشى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش يوليورۇقى چۈشۈردى.
فىرانسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناميىشلىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانماقچى
فىرانسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناميىشلىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانماقچى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناچار مائارىپ شارائىتلىرىغا ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىككە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپنى قورشىۋېلىش نامايىشلىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

يەرلىك مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغان 1-سېنتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ناچار مائارىپ شارائىتىغا ۋە ئوقۇتقۇچى كەمچىللىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋالىيلارغا ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى قورشىۋالغان ھەرىكەتلىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دائىرىدە مىنىستىرلىق نامايىشچىلارنىڭ مائارىپ خادىملىرىغا ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا قاراتقان «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» زوراۋانلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل ئەھۋاللاردا نازارەتكە ئېلىش تەرتىپلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناچار مائارىپ شارائىتىغا ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىككە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە، شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى