خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا تېگى پەلەستىنلىك بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن ئۆي ئىگىسى تۈرمىدە ئۆلدى
ئامېرىكادا غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تېگى پەلەستىنلىك بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن ئۆي ئىگىسى تۈرمىدە قازا قىلدى.
ئامېرىكادا تېگى پەلەستىنلىك بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن ئۆي ئىگىسى تۈرمىدە ئۆلدى
ئامېرىكادا تېگى پەلەستىنلىك بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن ئۆي ئىگىسى تۈرمىدە ئۆلدى / AP

جوسېف كزۇبا پەيشەنبە كۈنى ئىللىنوئىس تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆلدى.

غەززەدىكى توقۇنۇشلار باشلانغاندىن كېيىن، تېگى پەلەستىنلىك ئامېرىكالىق بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسىنى يارىلاندۇرغان ئۆي ئىگىسى، ئۇزۇن يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

«چىكاگو سەن-تايمىس» گېزىتىنىڭ ۋىل ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جوسېف كزۇبا پەيشەنبە كۈنى ئىللىنوئىس تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھات بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) نىڭ چىكاگو ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد رېھاب شەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «بۇ كېسەل قاتىل ئۆلدى، ئەمما نەپرەت ھېلىھەم جانلىق ۋە كۈچلۈك ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىماقتا» دېدى.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى كزۇبا ئۆزى سادىر قىلغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن 53 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

فېۋرالدا ۋادى ئەل-فايۇمىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھانان شاھىننىڭ يارىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھۇجۇمدىن كېيىن، كزۇبا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە نەپرەت جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

73 ياشلىق كزۇبا 2023-يىلى ئۆكتەبىردە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا بولغان ئىنكاس سۈپىتىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئانا-بالىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US jury finds Illinois landlord guilty of murder, hate crime in attack against Palestinian boy

ئەگرى-توقاي گۇۋاھلىقلار ۋە ۋەھشىي جىنايەت

سوتتا كۆرسىتىلگەن دەلىل-ئىسپاتلار ئىچىدە، ھانان شاھىننىڭ يۈرەك پارىلايدىغان گۇۋاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە قىلغان 911 تېلېفونى، قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جاي سۈرەتلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ كامېرا سىنلىرى بار ئىدى. سوتچىلار ئۆمىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن 90 مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، بۇ ئائىلە چىكاگودىن تەخمىنەن 64 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پلەينفىلد بازىرىدا كزۇبانىڭ ئۆيىدە بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ياشاۋاتقان ئىدى.

ئەيىبلىگۈچى تەرەپ دېلو ھۆججىتىدە، ئانىنىڭ «كزۇبانىڭ ئالدى بىلەن ئانىغا، ئاندىن ئوغلىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ‹مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ يەردىن كېتىشىڭلار كېرەك› دېگەنلىكى» نى بايان قىلغان يۈرەكلەرنى پارىلايدىغان گۇۋاھلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەيىبلىگۈچى تەرەپ سوتتا ئانىنىڭ 911 تېلېفونىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسەتتى. كزۇبانىڭ كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى مەريەممۇ بۇ دېلودا گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئىپادە بەردى. ئۇ جىنايەت يۈز بەرگەن كۈندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن يولدىشىنىڭ بىئارام ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ساقچىلار كزۇبانىڭ بېلىدىكى غىلاپتىن چىقارغان پىچاق بىلەن بالىنى 26 قېتىم پىچاقلىغانلىقىنى ۋە پىچاقنى بالىنىڭ بەدىنىدە قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. قانلىق جىنايەت مەيدانى سۈرەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئوچۇق ۋە بىئارام قىلارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، سوتچى ۋادىنىڭ يېقىنلىرىمۇ بار بولغان زالدىكى ئېكرانلارنىڭ تاماشىبىنلارغا قارىتىلىشىنى توسۇپ قويدى.

بۇ ھۇجۇم مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ئەندىشىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، پەلەستىنلىك ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان پلەينفىلد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا چوڭقۇر قايغۇ پەيدا قىلدى. ۋادىنىڭ جىناسىغا نۇرغۇن كىشى قاتناشتى، پلەينفىلد دائىرىلىرى بىر ئويۇن مەيدانىنى پەلەستىنلىك ۋادىنىڭ خاتىرىسىگە ئاتىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى