خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
تېھران ۋاشىنگتوننىڭ ھەقىقەتەن ئەستايىدىل ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تىنچلىق ئۈچۈن يولغا قويغىلى بولىدىغان بىر رامكا ھەققىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قايتىدىن ئىسلام ئابادقا ئەۋەتىدىغان بولدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ / AP

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئەتىگەندە ئومان زىيارىتىنى تاماملاپ پاكىستانغا قايتا بارىدىكەن.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA)، ئاراقچىنىڭ «ئومان زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋە رۇسىيەگە بېرىشتىن بۇرۇن پاكىستاننى قايتىدىن زىيارەت قىلىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى» خەۋەر قىلدى.

ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسمى «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەردە مەسلىھەتلىشىش ۋە زۆرۈر يوليورۇقلارنى ئېلىش» ئۈچۈن تېھرانغا قايتتى ۋە يەكشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسلام ئابادتا ئاراقچىغا قايتىدىن قوشۇلىدۇ.

دىپلوماتىيە مۇساپىسى داۋاملاشماقتا

ئاراقچى پاكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئۇرۇشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەمەلىي ۋە يولغا قويغىلى بولىدىغان بىر رامكا ھەققىدە ئىراننىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارەتنى «ئىنتايىن نەتىجىلىك» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى X ھېسابىدىن ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن ئەستايىدىل ياكى ئەمەسلىكىنىڭ يەنىلا ئېنىقسىزلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا «ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان يېڭى بىر ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاراقچى تېھراننىڭ تىنچلىق تەكلىپلىرىگە بەرگەن جاۋابىنى پاكىستانلىق ۋاسىتىچىگە سۇنغاندىن كېيىن، ئوماننىڭ پايتەختى مەسقەتكە يېتىپ باردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋەكىللىرى جارېد كۇشنېر ۋە ستېۋ ۋىتكوۋنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

پاكىستاندىكى مەنبەلەر ئاراقچىنىڭ ۋاسىتىچىلىك مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كۈنى ئىسلام ئابادقا قايتىشىنى كۈتمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump cancels envoys' trip to Pakistan, says 'no point' in 18-hour flight 'just to sit there'
ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى