ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئاچارچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن يەنە بىر پەلەستىنلىك بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە قورشاۋى سەۋەبىدىن يېمەكلىك ۋە دورىغا ئېرىشىش ئۈزۈلۈپ قالغان غەززەدە 2 ياشلىق بىر بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئاچارچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن يەنە بىر پەلەستىنلىك بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى
/ Reuters

غەززەدىكى يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ۋە ھەربىي ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان رايوندا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە نەتىجىسىدە 2 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خان يۇنۇستىكى ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى ئەھمەد سامىر ئابدۇلئال ئىسىملىك بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. قازا قىلغاندا ئېغىرلىقى 8 كىلوگرام كەلگەن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېشىغا نىسبەتەن 12 كىلوگرام بولۇشى كېرەك ئىدى.

ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن يېمەكلىك، سۈت ۋە ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن بولماي قالغان خان يۇنۇسنىڭ غەربىدىكى ئەلمەۋاسى رايونىدىكى بىر ۋاقىتلىق چېدىرغا پاناھلىنىش ئۈچۈن رەفاھتىن قېچىپ كەلگەنىدى.

بۇ ئۆلۈم، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ۋە ئۇدا بەش ئايدىن بۇيان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېلىش ئارقىلىق ئاساسلىق يېمەكلىك، دورا ۋە بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورقۇنچلۇق ئاچارچىلىقنىڭ نامايەندىسى بولدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن بۇيان 91 بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 160 پەلەستىنلىك ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - 'Every child was a dream': Israel killed over 18,500 children in Gaza since October 2023

 غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسى (WFP) غەززەنىڭ ۋەزىيىتىگە «ئەڭ ناچار ئەھۋال» دەرىجىسىدىكى ئاچارچىلىق كىرىزىسى دەپ ئېنىقلىما بەردى، شۇنداقلا غەززەدە ھەر ئۈچ كىشىدىن بىرىنىڭ كۈنلەردىن بۇيان يېمەكلىك تاپالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 60 مىڭ 200 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمانلار رايوندا ۋەيرانچىلىق ۋە ئېغىر يېمەكلىك قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى B'Tselem ۋە ئىسرائىلىيەلىك دوختۇرلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىشى ۋە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ قەستەن ۋەيران قىلىنىشىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

 خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) بۇلتۇر نويابىردا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە (UAD) ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump calls Gaza's starvation crisis 'terrible' but skips mentioning Israel's siege

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى