تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئايروپىلان ۋەقەسى سەۋەبلىك لىۋىيە باش مىنىستىرىغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دوران، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ئايروپىلان ۋەقەسى سەۋەبلىك لىۋىيە باش مىنىستىرىغا تەزىيە بىلدۈردى
ئەردوغان ئايروپىلان ۋەقەسى سەۋەبلىك لىۋىيە باش مىنىستىرىغا تەزىيە بىلدۈردى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دوران، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن، لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دوران، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دوراننىڭ ئېيتىشىچە، ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە: «لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى، گېنېرال مۇھەممەد ئەلى ئەل-ھەدداد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى توشۇۋاتقان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردۇم ۋە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدىن تىرىپولىغا بېرىش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن Falcon 50 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ خارابىلىكىنىڭ، ژاندارما ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئەنقەرەنىڭ ھايمانا ناھىيەسىگە قاراشلىق كېسىككاۋاقنىڭ تەخمىنەن 2 كىلومېتىر جەنۇبىدىن تېپىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

يەرلىكايا ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى ۋە ئۇچۇش ئۆيىدىكى ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى سەھەردە تېپىلغانلىقىنى ۋە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىكايا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇ ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ ئۆلۈم ۋەقەلىرىدىن كېيىن، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ئۈچ كۈنلۈك مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye recovers black box from jet crash that killed Libyan military chief
ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى