ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراننىڭ «مېھر» ۋە «ئىسنا» خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا يارىلانغان ئىرانلىق دىپلومات كامال خارازىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

By
كمال خەررازىنىڭ ئايالى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا شۇنداقلا ئۆلتۈرۈلگەن، يەرلىك تاراتقۇلار خەۋەر قىلدى (ئارخىپ). / AFP

«مېھر» ۋە «ئىسنا» خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى كامال خارازىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى: «بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا-زىئونىست دۈشمەن تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ئىراننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن كېچە شېھىت بولدى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاممىغا ئېلان قىلدى.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستراتېگىيەلىك تاشقى ئالاقىلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 81 ياشلىق كامال خارازى، 1-ئاپرېل ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.

«مېھر» ۋە «ئىسنا» ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تېلېگرام (Telegram) قاناللىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە، تەجرىبىلىك دىپلومات خارازىنىڭ تېھراندىكى ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئايالىنىڭمۇ قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

كامال خارازى ئىلگىرى نيۇيوركتا ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىنچە 1997-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە سابىق جۇمھۇر رەئىس مۇھەممەد خاتەمى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، 28-فېۋرالدىن بۇيان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېي ۋە بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ھەمدە سىياسىي ئەربابلار سۈيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.