سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى نەتىجىسىدە، ئامېرىكادا تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلارنىڭ %54 ى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
خادىملار پايتەخت تېھراندىكى بىر ساقچىخانىغا قىلىنغان ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلارنى ئېلىپ ماڭماقتا، 2026-يىلى 3-مارت. رويتېرس. / Reuters

ن ب س نىيۇس (NBC News) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تىزىمغا ئالدۇرغان ئامېرىكالىق سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلرايى نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، سايلىغۇچىلارنىڭ %52 ى ترامپنىڭ ئىران سىياسىتىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، %41 ى بولسا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغان %7 سايلىغۇچى تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن ياكى پىكرى يوقلار ئىكەن.

قاراشلار ئاساسەن پارتىيە مەيدانى بويىچە ئايرىلغان بولسىمۇ، دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا، ئەلرايى نەتىجىسىدە بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭمۇ ھەربىي ھۇجۇمغا نارازى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئەۋلاد پەرقىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان بولۇپ، ياش ۋە ياشانغان سايلىغۇچىلار ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان.

ئەلرايى نەتىجىلىرى ئامېرىكالىقلارنىڭ بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ھەربىي ھۇجۇمغا بولغان دەسلەپكى ئىنكاسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغان پىرېزىدېنت ترامپ 2024-يىللىق سايلام پائالىيىتى جەريانىدا «ئۇزۇنغا سوزۇلغان چەت ئەل ئۇرۇشلىرى» غا قارشى تۇرۇش شوئارى بىلەن ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.

تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، «ن ب س نىيۇس» نىڭ ئىلگىرىكى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئارىلىشىشلىرىغا بولغان دەسلەپكى قوللاشنىڭ ئادەتتە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن.

-2002يىلىنىڭ بېشىدىن 2003-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى نەتىجىلىرىدە، كۆپ ساندىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىراقتا سادام ھۈسەيىننى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىغانلىقى كۆرۈلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، 2001-يىلى 10-ئايدا، يەنى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئافغانىستانغا تۇنجى قېتىم بېسىپ كىرگەندە، ئامېرىكالىقلارنىڭ %87 ى پىرېزىدېنت جورج دابليۇ بۇش  (GeorgeW. Bush) قوزغىغان «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» قوللىغان.

بىراق، كېيىنچە بۇ ئۇرۇشلارغا بولغان قوللاش تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاخىرىدا بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تەننەرخكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US troops told Iran war is 'God's plan' to trigger Armageddon, watchdog says

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىران ئۇرۇشىنى قوللىشى

ئىرانغا زەربە بېرىشنى قوللاش جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولغان.

جۇمھۇرىيەتچى سايلىغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %77 ى ئامېرىكانىڭ زەربە بېرىشىنى توغرا دەپ قارىغان، %15 ى بولسا بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.

ئەلرايى نەتىجىلىرى يەنە پارتىيە ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنىمۇ ئاشكارىلىغان.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئامېرىكانى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش»  (MAGA) ھەرىكىتىنى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارىسىدا، %90 سايلىغۇچى زەربە بېرىشنى قوللىغان، پەقەت %5  ىلا  قارشى تۇرغان.

«ئامېرىكانى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش» سېپىنىڭ سىرتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %54 ى بۇ ھەرىكەتنى قوللىغان، %36 ى قارشى تۇرغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Can Washington sustain a long war with Iran?
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى