سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ ۋە جازا 90 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى / AP

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان قانۇن لايىھەسىنى سەيشەنبە كۈنى كېچىدە ماقۇللىدى.

قانۇن لايىھەسى قانۇنلىشىشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى باسقۇچ بولغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە كنېسسېت (ئىسرائىلىيە دۆلەت مەجلىسى) ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى KAN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كومىتېت بىرىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتىن ئۆتكەن لايىھەگە بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ دارغا ئېسىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار پەقەتلا مەسئۇل خادىملار كىرەلەيدىغان ئايرىم بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ساقلىنىدۇ؛ ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشۈش بولسا پەقەتلا سىنلىق سۆھبەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسى 90 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپى بولمىسىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەرگىلى بولىدۇ، قارار چىقىرىشتا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىش شەرت ئەمەس بولۇپ، كۆپ سانلىق ئاۋاز يېتەرلىك بولىدۇ.

نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش يولى يوق

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تەقدىردە،  كەچۈرۈم قىلىنىش ياكى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش يوللىرى يېپىق بولىدۇ.

ئىسرائىلىيەدە سوتلىنىۋاتقان مەھبۇسلار ئۈچۈن بولسا ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

قانۇن لايىھەسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىر تەرىپىدىن «تارىخىي بىر كۈن» دەپ ئاتىلىپ، قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارىتا باشلىغان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ رايوندىن كەلگەن پەلەستىنلىك تۇتۇقۇنلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك ئاچ قويۇش، قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە سىستېمىلىق تىببىي ياردەمنى توسۇش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى