ھىندونېزىيەدە مەكتەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 54 كە يەتتى
ھىندونېزىيەدە مەكتەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 54 كە يەتتى، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ھىندونېزىيەدە بۇ يىل يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىنانىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەتسىزلىكىنىڭ سەۋەبچى بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقان دائىرىلەر، جاۋا ئارىلىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياتاقلىق مەكتەپنىڭ خارابىسىدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 54 كە يەتتى. دائىرىلەر، خارابە ئاستىدا قالغان 12 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەتلىك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ ھەرىكەت ئىشلىرى مەسئۇلى يۇدھى برامانتىيو دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن ئەتىگەندە 54 كىشىنىڭ جەسىتى بىلەن بەش پارچە جەسەت پارچىسىنى خارابىلىكتىن چىقاردۇق.
بۈگۈن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، جەسەتلەرنى ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
كۆپ قەۋەتلىك بىنانىڭ بىر قىسمى ئوقۇغۇچىلار پېشىن نامىزى ئۈچۈن يىغىلغاندا تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى. بۇ ۋەقە بۇ يىل ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت دەپ ئاتالدى.
تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا
دۆلەتلىك ئاپەت ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇدى ئىراۋان، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا توختىماي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يوقاپ كەتكەن كەم دېگەندە 13 ئادەمنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى بايقاشلار بىنانىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ھىندونېزىيەدە قۇرۇلۇش ئۆلچەملىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە يېتەرسىز تەكشۈرۈش، دائىم ئېغىر دەرىجىدىكى قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرى، ھايات قېلىش ئۈچۈن 72 سائەت «ئالتۇندەك ۋاقىت» ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى.
ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەدە، غەربىي جاۋادا بىر دۇئا - تىلاۋەت مەجلىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغانىدى. بۇ ئەھۋال، دۆلەتتىكى قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى.