تېخنىكا گىگانتىنىڭ سىجىل ئېنېرگىيەگە بولغان قىزىقىشى، نۆل چىقىندىنى نىشان قىلغان چوڭ شىركەتلەر ئارىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان مايىللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ توك ئىستېمالى بەك كۆپ بولغاچقا، ئۇلار داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان، سىجىل توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان چارىگە موھتاج. شۇڭا تېخنىكا گىگانتلىرى كۈچىيىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش رىقابىتى جەريانىدا، بارغانسېرى يوشۇرۇن ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىلىۋاتقان يادرو ئېنېرگىيەسىگە يۈزلەنمەكتە.
ئامازون ۋە مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەردىن كېيىن، گوگۇلمۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى ۋە باشقا سانلىق مەلۇمات ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يادرو ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلەنمەكتە. گوگۇل باش ئىجرائىيە مۇدىرى سۇندار پىچاي بىر زىيارەتتە: «گوگۇل يالغۇز يۇقىرى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە كەسكىن نۆل چىقىندى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىزدەۋاتىدۇ» دېدى. پىچاي يەنە سۈنئىي ئەقىل مەبلىغىنىڭ شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
OpenAI باش ئىجرائىيە مۇدىرى سام ئالتمان بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، سۈنئىي ئەقىل ئىستېمال قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ بىر ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، يېڭى مەنبە بولمىسا، دۇنياۋى ئۇچۇر تورلىرىنىڭ پات ئارىدا بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ ئەندىشە گوگۇل ۋە باشقا شىركەتلەرنى مۇقىم ۋە كەڭ كۆلەملىك مەنبە سۈپىتىدە يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئويلىشىشقا يۈزلەندۈردى.
گوگۇل 7-ئايدا 2030-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەشغۇلاتى ۋە قىممەت زەنجىرىدە كەسكىن نۆل چىقىندىغا يېتىشتىن ئىبارەت جۈرئەتلىك بىر نىشاننى بېكىتتى. ئەمما، گوگۇلنىڭ 2023-يىلىدىكى ئومۇمىي پارنىك گازى چىقىندىسى 2019-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %48 ئاشتى، يەنى مەزكۇر مەزگىلدىكى ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيدى. نۆل كاربون نىشانى ھەققىدە پىچاي: «بۇ ئىنتايىن جۈرئەتلىك بىر نىشان بولۇپ، بىز بۇ نىشاننى بويلاپ جاسارەت بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، سۈنئىي ئەقىل مەبلىغىنىڭ يۆنىلىشى، ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپىنى كۆپەيتتى» دېدى.
گوگۇلنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىگە بولغان قىزىقىشى، داۋاملىق ئىشلىتىش نىشانىنىڭ سىرتىغا چىقتى. شىركەت يىللاردىن بۇيان شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھەر خىل پاكىز ئېنېرگىيە چارىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى ئومۇملاشقانسېرى، ئەنئەنىۋى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۆز ئالدىغا يەتمەي قېلىشى مۇمكىن.
گوگۇل باش ئىجرائىيە مۇدىرى ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىر تاللاش سۈپىتىدە، كىچىك مودۇللۇق يادرو رېئاكتورلىرىنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ھازىر بىز قۇياش ئېنېرگىيەسى ياكى كىچىك مودۇللۇق يادرو رېئاكتورلىرى قاتارلىقلارغا قوشۇمچە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى. كىچىك مودۇللۇق رېئاكتورلار ئەنئەنىۋى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخچام بولغاچقا، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى قاتارلىق ئېنېرگىيە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جايلارغا ماس كېلىدۇ.
پىچاي 9-ئايدا كارنېگى مېللون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا: «يېڭى ئېنېرگىيەگە سېلىنغان مەبلەغ ۋە يېڭىلىقلارغا قارىغىنىمدا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتىن ئۈمىدۋارمەن» دېدى. ئۇ: «تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم، بۇ ئاساسىي تېخنولوگىيەگە ئىگە» دەپ، ئىشلەپچىقارغۇچى سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەسىرىنىڭ گوگۇلنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى قانداق قايتا شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ تەرەققىياتلار بويىچە شىركەتنىڭ، يۇقىرى تەلەپنى قاندۇرالايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغلەرنى كۆپەيتىش ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.
نۆل كاربون چىقىندىسىنى نىشان قىلغان يېگانە شىركەت گوگۇل ئەمەس. ئامازون ۋە مىكروسوفت مەشغۇلاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن يادرو ئىستانسىسىلىرى بىلەن مۇھىم كېلىشىملەرگە قول قويدى. ئامازون بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا Susquehanna يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن 650 مىليون دوللارلىق، مىكروسوفت بولسا پېنسىلۋانىيەدىكى Three Mile Island ئىستانسىسى بىلەن 20 يىللىق كېلىشىمگە قول قويدى. مىكروسوفت 2030-يىلىغا بارغاندا كاربون چىقىرىشتا «نۆلگە» يېتىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل پائالىيەتلىرىنىڭ شىركەت چىقىندىسىنى 2020-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %30 نىسبەتتە ئاشۇرغانلىقىنى كۆردى.
پىچاي گوگۇلنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى قاچان ۋە نەدە ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى تېخى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، شىركەتنىڭ بۇ كۈچ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشى تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ئۆزگىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلغاچقا، ساھەدىكى ئېنېرگىيە تەلىپى، مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتتى. شامال ۋە قۇياش قاتارلىق ئەنئەنىۋى يېڭىلانغۇچى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان نۆۋەتتىكى تايىنىش، بۇ كۆپىيىۋاتقان ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشتا يېتەرسىز قېلىشى مۇمكىن. مۇقىم ۋە كەڭ كۆلەملىك توك ئىشلەپچىقىرىشنى تەمىنلىيەلەيدىغان يادرو تېخنولوگىيەسى، ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن شىركەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
















