رۇسىيە: ئۇكرائىنا تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەلىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىنا تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەلىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدىگازپروم شىركىتى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى «رۇسكايا» كومپرېسسور پونكىتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭداۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيە: ئۇكرائىنا تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەلىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى / AA

رۇسىيە پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانى «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىگە تۇتاشقان مۇھىم بىر ئەسلىھە بولغان «رۇسكايا» كومپرېسسور پونكىتىنى نىشان قىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى گازپروم شىركىتى ھۇجۇمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئەسلىھەنىڭ پائالىيەتلىرىنى نورمال شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گازپروم شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۈگۈن كېچە سائەت 00:40 بىلەن 01:00 (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى بويىچە 21:40 بىلەن 22:00) ئارىلىقىدا، «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان رۇسكايا كومپرېسسور پونكىتىغا ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.»

شىركەت رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمە ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتلىرى بىلەن ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ۋە گازپروم ئەسلىھەسىگە زىيان يېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گازنى تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا يەتكۈزىدۇ

رۇسىيە قارادېڭىز ئاستىدىن ئۆتىدىغان ئىككى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ.

2003-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «كۆك ئېقىم» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ يىللىق سىغىمى 16 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 مىڭ 213 كىلومېتىر كېلىدۇ.

بىر لىنىيە تۈركىيە ئىستېمالچىلىرىغا بىۋاسىتە تەبىئىي گاز يەتكۈزسە، يەنە بىرى جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ.

ئومۇمىي سىغىمى 31 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر بولغان «تۈرك ئېقىمى» 2020-يىلى يانۋاردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

«تۈرك ئېقىمى» رۇسىيە تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈشتىكى بىردىنبىر ئاكتىپ يول بولۇپ قالدى.

ئاناپا شەھىرىگە يېقىن جايدا قۇرۇلغان رۇسكايا كومپرېسسور پونكىتى «تۈرك ئېقىمى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش