جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇننىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىي دائىرىلەر «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەش مەسىلىنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولۇپ، سېئۇل تېخى ئامېرىكانىڭ ئىران توقۇنۇشىغا قاتنىشىش ھەققىدىكى رەسمىي تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىغان.
جۈمە كۈنى پارلامېنتتىكى بىر قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلغان چو خيۇن، ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ زىچ مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ ئىرانغا چېتىشلىق توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن پات يېقىندا يۆتكىلىدىغان-يۆتكەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.
چو خيۇن يەنە: «ئادەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن، ئەمما ئۇ يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
چو خيۇن بۇ سۆزلەرنى جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكانىڭ بىر قانچە كۆچمە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ يېقىندا جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىدىن گيوڭگى ئۆلكىسى پيوڭتەكتىكى ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يۆتكىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئېيتتى.
ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەرلەردە، بۇ سىستېمىلارنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، C-17 ۋە C-5 تىپلىق يۈك ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ بازىغا يېتىپ بارغانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن يۆتكىلىپ كېتىش پەرەزلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ئۆتكەن (2025) يىلى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 6-ئايدا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، ئىككى «ۋەتەنپەرۋەر» باتارېيەسى C-17 ئايروپىلانى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەلگەن ئىدى. بۇ ئىككى باتارېيە ئۆكتەبىر (2026) دە جەنۇبىي كورېيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
بۇ خەۋەرلەر، ياۋروپا ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەمچىل بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بىر پەيتتە تارقالدى.
ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا: «ھەرىكەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن، بىز كونكرېت ھەربىي ئىقتىدارلار ياكى مۈلۈكلەرنىڭ يۆتكىلىشى، باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ياكى يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا باھا بەرمەيمىز» دېيىلدى.
جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن سېئۇلنىڭ ۋاشىنگتوندىن توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەردە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
بۇ ئەھۋاللار، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن توختىماي ئىران ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا زەربە بەرگەن بىر پەيتتە يۈز بەردى. ترامپ بۇنى «تېھراننىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىق» دېگەن ئىدى.
جەنۇبىي كورېيەدە يادرو قورالىغا ئىگە شىمالىي كورېيەگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە سېپىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تەخمىنەن 28 مىڭ 500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار. كورېيە يېرىم ئارىلىغا «ۋەتەنپەرۋەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.