ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەرىكەتلەردە ھەرقانداق دۆلەتتىن ياردەم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئا پ. / AP

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇننىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىي دائىرىلەر «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەش مەسىلىسىنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولۇپ، سېئۇل تېخى ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ھەققىدىكى رەسمىي تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىغان.

جۈمە كۈنى پارلامېنتتىكى بىر قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلغان چو خيۇن، ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ زىچ مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن پات يېقىندا يۆتكىلىدىغان-يۆتكەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.

چو خيۇن يەنە: «ئادەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن، ئەمما ئۇ سىستېمىلارنى يۆتكەش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چو خيۇن بۇ سۆزلەرنى جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىدا، ئامېرىكانىڭ بىر قانچە كۆچمە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى يېقىندا جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىدىن گيوڭگى ئۆلكىسى پيوڭتەكتىكى ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يۆتكىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئېيتتى.

ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەرلەردە، بۇ سىستېمىلارنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  C-17 ۋە C-5 تىپلىق يۈك ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ بازىغا يېتىپ بارغانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى جەنۇبىي كورېيەدىن يۆتكەش پەرەزلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۆتكەن (2025) يىلى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 6-ئايدا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، ئىككى «ۋەتەنپەرۋەر» باتارېيەسى C-17 ئايروپىلانى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئىدى. بۇ ئىككى باتارېيە ئۆكتەبىر (2026) دە جەنۇبىي كورېيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

بۇ خەۋەرلەر، ياۋروپا ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەمچىل بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بىر پەيتتە تارقالدى.

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا: «ھەرىكەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن، بىز كونكرېت ھەربىي ئىقتىدارلار ياكى مۈلۈكلەرنىڭ يۆتكىلىشى، باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ياكى يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا باھا بەرمەيمىز» دېيىلدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن سېئۇلنىڭ ۋاشىنگتوندىن ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەردە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ ئەھۋاللار، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن توختىماي ئىران ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا زەربە بەرگەن بىر پەيتتە يۈز بەردى. ترامپ بۇنى «تېھراننىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىق» دېگەن ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يادرو قورالىغا ئىگە شىمالىي كورېيەگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە سېپىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تەخمىنەن 28 مىڭ 500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار. كورېيە يېرىم ئارىلىغا «ۋەتەنپەرۋەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - South Korea, India urge citizens to exit Iran as fears of US military strike mount
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
غەززەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىر سۇ ئاستىدا قالدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا
TRT World مۇنبىرى باشلاندى: ئىستانبۇلدا يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
ئامېرىكا كۇبا ئارمىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تورىغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى