ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سۈرىيەگە بېسىپ كىردى
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سۈرىيەگە بېسىپ كىردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
سۈرىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىدە جايلاشقان ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسى ئىچىدىكى كۇنەيترا يېزىسىنىڭ جۇباتا ئەل خاشاب ۋە ئۇفانىيە بازارلىرىغا بېسىپ كىرگەن.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى بازارغا بېسىپ كىرىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرغان. بەزى ئەسكەرلەر ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) نىڭ باياناتىدا: «2024-يىلى 12-ئايدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پۇقرالارغا قارىتا نۇرغۇنلىغان ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سادىر قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈشمۇ بار» دېيىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۆيلەرنى مۇسادىرە قىلىپ چېقىۋەتتى، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىگە ئېرىشىشىنى توسۇپ قويدى، بەزىلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ ئىسرائىلىيەگە يۆتكىدى» دېدى.
سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە ئۆينى نىشان قىلغان بېسىپ كىرىش ۋە ئاختۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا جەنۇبىي كۇنەيترا ئۆلكىسىنىڭ بۇففېر رايونىدا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يېزىدا 4 ئەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئوخشاش رايوندا يەتتە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇپ، سوراق قىلىنىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىدىكى قورالسىزلاندۇرۇلغان بۇففېر رايوننى ئىگىلەپ، ئىشغالىيەت رايونىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، سۈرىيە بىلەن 1974-يىلى ئىمزالىغان «قىسىملارنى چېكىندۈرۈش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلغان ئىدى.