گىرۇزىيەدىكى ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ۋەقەسىدە 20 تۈرك ئەسكىرى شەھىد بولدى

تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گىرۇزىيەدىكى ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ۋەقەسىدە 20 تۈرك ئەسكىرىنىڭ شەھىد بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

By
گىرۇزىيەدىكى ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ۋەقەسىدە 20 تۈرك ئەسكىرى شەھىد بولدى / AA

ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە قاراپ ئۇچقان C-130 تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتتى.

تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى، گىرۇزىيەدە بىر تۈركىيە ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 20 ئەسكەرنىڭ شەھىد بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە چېگراسىدا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي يۈك ئايروپىلانىمىزنىڭ خارابىىسىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە چۈشۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئەتتىگەن سائەت 06:30 دا گىرۇزىيە دائىرىلىرى بىلەن ماسلىشىپ باشلاندى.»

ئىچىدە 20 ئەسكەر بولغان تۈركىيەگە ئائىت C-130 تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە قاراپ ئۇچۇۋاتقاندا چۈشۈپ كەتتى.

مىنىستىرلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان 20 ئەسكەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدىكى يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە شەھىدلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ۋەقەدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە رەھبەرلىرىدىن تۈركىيەگە ھەمدەمدە بولۇش ئۇچۇرلىرى كەلدى.