خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ غەززەگە ۋىزا بېرىشنى توختىتىشى داۋالاشقا موھتاج بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ
ئامېرىكالىق ياردەم تەشكىلاتى: «غەززەگە ۋىزا بېرىشنىڭ توختىتىلىشى داۋالاشقا موھتاج بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.
ئامېرىكانىڭ غەززەگە ۋىزا بېرىشنى توختىتىشى داۋالاشقا موھتاج بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ
ئامېرىكانىڭ غەززەگە ۋىزا بېرىشنى توختىتىشى داۋالاشقا موھتاج بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ / AA

HEAL Palestine تەشكىلاتى، لاۋرا لۇمېر ئىلگىرى سۈرگەندەك مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، خىزمەتلىرىنىڭ داۋالاش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ياردەم تەشكىلاتى HEAL Palestine ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى توختىتىش قارارىنى تەنقىد قىلدى. تەشكىلاتلار بۇ قارارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا داۋالىنىۋاتقان يارىلانغان بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاشقۇن ئوڭ قانات سۇيىقەست نەزەرىيەچىسى لاۋرا لۇمېرنىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن، شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، غەززەدىن كەلگەن بارلىق ساياھەت ۋىزىلىرىنىڭ «تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغۇچە توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

HEAL Palestine تەشكىلاتى بولسا، لۇمېر ئىلگىرى سۈرگەندەك مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتىنىڭ داۋالاش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتتا يەنە بۇ پىلاننىڭ ئىئانە بىلەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مەبلەغ ئېلىنمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تەشكىلات باياناتىدا: «ئېغىر يارىلانغان بالىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە بولمىغان ھاياتىي مۇھىم داۋالاشلاردىن بەھرىمەن بولالىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ۋىزا بىلەن ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. داۋالاش تاماملانغاندىن كېيىن، بالىلار ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولغان ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرا شەرققە قايتىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا 2025-يىلى ئىچىدە پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ساياھەت ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن 3800 دىن ئارتۇق كىشىگە ئامېرىكادا داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان B1/B2 ساياھەت ۋىزىسى بەردى. بۇ سان ماي ئېيىدا بېرىلگەن 640 ۋىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى غەربىي قىرغاق ۋە غەززەدە ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە ساياھەت ھۆججىتى تارقىتىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىنقى كۈنلەردە غەززەدىن ئاز ساندىكى كىشىلەرگە ۋاقىتلىق داۋالاش-ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئېنىق ساننى ئاشكارىلىمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US suspends visas for wounded Palestinians after far-right influencer's wild assertions

ئىسلامغا قارشى سۆزلەر

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) ۋە پەلەستىن بالىلارغا ياردەم بېرىش فوندى ۋىزىلارنىڭ توختىتىلىشى قارارىنى ئەيىبلىدى.

CAIR: «بۇ قارارنى ۋە لاۋرا لۇمېردىن يوليورۇق ئالغان ماركو رۇبىئونى ئەيىبلەيمىز ھەمدە رۇبىئودىن لۇمېرنىڭ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەت بولغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

CAIR باياناتىدا: «ئامېرىكا قوراللىرى بىلەن يارىلانغان پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ ئامېرىكىدا ئالاھىدە داۋالىنىشىنى توسىغان مىنىستىر رۇبىئو، لۇمېرنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، ئەقلىي ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىلغان بىر ئىرقىي كەمسىتكۈچىگە ۋە ئۇنىڭ تور شايكىسىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىتىنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى بېرىپ قويدى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

لۇمېر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» گە بايانات بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئىسلام تاجاۋۇزچىلىرى» دەپ ئاتىغان تەھدىت توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇبىئو بولسا، پارلامېنتتىكى بەزى ئەزالارنىڭ ئاشقۇنلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەرزلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلىرىدىن كېيىن، بۇ خىل ۋىزا بېرىش جەريانىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رۇبىئو، ئىشخانىلىرىنىڭ بۇ ئەرزلەرگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى سۇنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 62 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ غەززە ئەمەلدارلىرى دوكلات قىلغاندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيە، قورشاۋدىكى رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئۆتكەن نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە، قورشاۋدىكى رايوندا پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز