ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تېھران بىلەن رىياد رايونلۇق مۇقىملىق ۋە دىپلوماتىيە سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزدى: ئاراقچى ئامېرىكا ۋەكىلى بىلەن يېقىنلاشقاندىن كېيىن يادرو سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىگنال بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى / User Upload

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان جىددە شەھىرىدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ، ئالدىنقى ئايدا ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان 12 كۈنلۈك ئۇرۇشىدىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىران رەھبىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شاھزادە فەيسەل بىن فەرھان ئەسسۇئۇد ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد بىن سەلمان بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ زىيارەت، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن جانلانغان دىپلوماتىك سىگناللارنىڭ بېرىلىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاراقچى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف بىلەن ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتلىغان ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى تارىخىي بىر كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

 ئىراننىڭ دىپلوماتىك ئارزۇسى

 

ئاراقچى «Financial Times» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن توققۇز ھەپتە ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بەش قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە، بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن تۆت يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مەغلۇبىيەتلىك يادرو سۆھبەتلىرىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتۇق. 13-ئىيۇن كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلىشىدىن 48 سائەت بۇرۇن، 6 – نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچ سۆھبەتكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق.»

ئاراقچى ئىراننىڭ ئىشىكىنىڭ دىپلوماتىيەگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەدىلىرى بولمىسا سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشچانلىقىغا قارىتا گۇمانلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارزۇسى بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا ھەقىقىي تۈردە ئادىل بىر كېلىشىمگە تەييار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.»

ئۇ، ۋاشىنگتوننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى سىگناللارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىنچلىقپەرۋەر يادرو پىروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن يېقىنقى توقۇنۇش توغرىسىدا توختالغان ئاراقچى، تېھراننىڭ ھۇجۇمغا كۈچلۈك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى، ئىراننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەيدانىنى ئاجىزلىق دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىران ئىسرائىلىيە باشلىغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ترامپقا تاكى ئۇ ئېھتىياجلىق بولىدىغان دەرىجىگە يەتكۈچە ھۇجۇمغا قارشى تۇردى.»

ئاراقچى ئىراننىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ھۇجۇمغىمۇ دەرھال جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى دەلىللىدى. ترامپ ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى:

 «ئۇلار (ئىران دائىرىلىرى) سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US has scheduled Iran talks after strikes and ceasefire — Trump

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ