تۈركىيە ۋە ئۇمان رەھبەرلىرى ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كۈچەيگەن رايونلۇق جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلدى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىخەتەرلىك كرىزىسى» خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

By
تۈركىيە ۋە ئۇمان رەھبەرلىرى ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كۈچەيگەن رايونلۇق جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلدى / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇمان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان سۆھبەتتە: «ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراننىڭ رايوندىكى قېرىنداش دۆلەتلەرگە قايتۇرغان زەربىسى، رايوننى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىخەتەرلىك كرىزىسىغا دۇچار قىلدى. ئۇمانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن. جۇمھۇر رەئىس نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىمۇ ۋاسىتىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىنى توسۇشىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى» ۋە غەززە خەلقىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تىنچلىق كېڭىشى خىزمەتلىرىنىڭمۇ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى نىشانى بىلەن داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگەن. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە ھەيسەم بىن تارىقنىڭ روزا ھېيتىنىمۇ تەبرىكلىگەن.