ئىرقى قىرغىنچى نېتانياھۇ قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قىلغان سۆزىدە يانفون، دورا ۋە گىلاس پەمىدۇرلەرنى تىلغا ئالدى.
نېتانياھۇ زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يانفون، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئېرىشكەن پايدىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
غەربىي قۇددۇستا سۆز قىلغان ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق تەنقىدلەر ۋە قورال-ياراغ توشۇشقا قويۇلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن يېتىم قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا ئىنكاس قايتۇردى.
ئۇ: «بەزىلەر قورال-ياراغ زاپچاسلىرىنى توشۇشنى توختاتتى. بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەمدۇق؟ ھەئە، قۇتۇلالايمىز. بىز قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشتا خېلىلا ياخشى» دېدى.
نېتانياھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىستىخباراتقا ئوخشاش، ھەر ئىككىسىنى ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلىشىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئىستىخباراتىڭلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ۋە قورال-ياراغ سىستېمىلىرىمىزنى ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.
«بىز بۇ قورشاۋنى بۆسۈپ تاشلايمىز»
نېتانياھۇ «ئۆتكەن يىللاردا ۋە بۈگۈن ئىسرائىلىيەگە ھەربىي مەسىلىلەردە ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىغانلىقى» ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يىمىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، ئامېرىكانىڭ قوللىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا قىممەت بېرىمىز» دېدى.
نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېكسپورتىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە: «يانفونىڭىز بارمۇ؟ يانفونىڭىز يېنىڭىزدىمۇ؟ دەل شۇ يەردە ئىسرائىلىيەدىن بىر پارچە نەرسىنى تۇتۇۋاتىسىز. نۇرغۇن يانفون، دورا، يېمەكلىكلەرمۇ بار... گىلاس پەمىدۇر يەمسىز؟ بۇنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن گىلاس پەمىدۇرنى ياقتۇرمايمەن، ئەمما باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاش، ئۇمۇ بىر ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتى» دېدى.
نېتانياھۇ بۇ مەھسۇلاتلارنى «پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە» قوشۇلغان تۆھپە دەپ تەسۋىرلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «بىر نەرسىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى، بىر نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى» دۇنياغا كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
نېتانياھۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرىدا چەتئەللىك تەمىنلىگۈچىلەردىن مۇستەقىل بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئوخشاش شەكىلدە، بىز ئاخىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان مۇستەقىللىقنى يارىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن غەربىي ياۋروپادا بىزنى بىر نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلالايمىز دەپ ئويلىغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. بىز بۇ قورشاۋنى بۆسۈپ تاشلىيالايمىز ۋە شۇنداق قىلىمىز» دېدى.
نېتانياھۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەگە مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.
غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن يېتىم قېلىش
غەززەدە تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا دۇنيا مىقياسىدىكى غەزەپنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن بولغان بىر خىل «يېتىم قېلىش» قا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆز پۇتىغا تايىنىپ تىك تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقلىقىنى ئېيتتى.
ئىرقىي قىرغىنچى رەھبەر ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىنىڭ «ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئالاھىدىلىكى» گە ماسلىشىشى، ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان ۋە تاشقى سودىغا تايىنىشنى ئازايتىدىغان ھالەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
نېتانياھۇ يەنە «ئىسرائىلىيەگە ئەركىن بازار ئىنقىلابىنى» ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.
نېتانياھۇ يەنە يېتىم قېلىشقا دۇچ كەلگەن، ئىسرائىلىيەنى چەتئەلدىن قورال-ياراغ ئىمپورت قىلىشقا تايىنىشتىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدىغان مۇھىم سانائەت تارماقلىرىنىڭ بىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىز قورال-ياراغ سانائىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئافىنا ۋە ئۇلۇغ سپارتانىڭ بىرىكمىسىدەك كۈچلۈك بولىمىز. ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بۇ يېتىم قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك بولغاچقا، باشقا ئامالىمىز يوق» دېدى.
دۇنياۋى ئېمبارگو
ئىسرائىلىيە ھازىر غەززەدىكى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن فخرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىسمەن ياكى تولۇق قورال-ياراغ ئېمبارگوسىغا دۇچ كەلمەكتە.
بۇنىڭغا قارىماي، قورال-ياراغ ئىمپورتىنىڭ كۆپ قىسمى چەكلىمە قويمىغان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ چەكلىمىگە قارشى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان ئامېرىكادىن تەمىنلەنمەكتە.
ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ يېتىم قېلىشنى قىسمەن ھالدا ياۋروپانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «ئاشقۇن ئىسلامچى كۈنتەرتىپ» كە باغلاپ، قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىب دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دۇنياۋى مۇنازىرىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ ئەھۋال بىزنى ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ باشلىنىشى ۋە قورال-ياراغ ھەمدە قورال-ياراغ زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچار قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يائىر لاپىد يېتىم قېلىشنىڭ «نېتانياھۇنىڭ كەمتۈك ۋە مەغلۇپ بولغان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش مىنىستىرنىڭ سۆزىنى «ساراڭلارچە» دەپ تەرىپلىدى.
سابىق ئارمىيە قوماندانى گادى ئېيزېنكوت بولسا: «گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى تاشلىۋەتكەن ۋە ئىسرائىلىيەنى دۇنيادا يالغۇز قالدۇرغان نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى پۇرسەت بولمايدۇ» دېگەنلەرنى ئىپادىلىدى.
نېتانياھۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پاي بازىرىدىكى كىرىمنى كۆرسەتتى ۋە «ئاجىز غەربىي ياۋروپا رەھبەرلىرى» گە تايىنىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە ۋەدە بەردى.