تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولغان راتكو ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
راتكو ملادىچ

كەچەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا «بوسنىيە قاسسىپى» دەپ ئاتالغان راتكو ملادىچنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

كەچەلى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوتلار تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان راتكو ملادىچنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى، سادىر قىلىنغان ئېغىر جىنايەتلەر ۋە باشتىن كەچۈرۈلگەن ئىنسانىي ئازابلارنى ئىنكار قىلىش دېگەن مەنىدە سۇيىئىستېمال قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

تىنچلىق ۋە يارىشىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ

كەچەلى بۇ سوت قارارلىرىنى رەت قىلىش ياكى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى قەھرىمانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ قۇربانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە يارىشىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كەچەلى بالقان رايونىغا لازىم بولغىنىنىڭ ئۆتمۈشتىن زۆرۈر ساۋاقلارنى ئېلىپ، تىنچ، گۈللەنگەن ۋە ئورتاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قۇربانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوسنىيە ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق بىگۇناھ كىشىلەرنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنىڭ دەردىگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى