تۈركىيە سۈرىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۈرىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتەتۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر بولات ھەلەب زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە ۋە سۈرىيە سودا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركىيە سۈرىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە / َAA

تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر بولات جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەلەبنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بولات ھەلەب زىيارىتى دائىرىسىدە «شەيخ نەججار» سانائەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سانائەتچىلەر ۋە سودا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى، سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سودا پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان بولات، ھەلەبنىڭ سۈرىيە ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتىكى مەركىزىي رولىغا دىققەت تارتتى.

مىنىستىر بولات: «تۈركىيە-سۈرىيە ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەلەبنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز» دېدى. ئۇ كۈچلۈك ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېلىنما ۋە ئېكسپورتنى رىغباتلەندۈرىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

سودا ساھەسى ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلغان بولات، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە سودا لىنىيەلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ ھەلەبنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. تۈركىيە بىلەن ھەلەب ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سودىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولات، رايوندىكى تەخمىنەن مىڭ يىللىق ئۇرۇق –تۇغقانچىلىق، قوشنىدارچىلىق ۋە ئورتاق مەدەنىيەت رىشتىسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مىنىستىر بولات سانائەت رايونىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە سۈرىيە سودىگەرلىرى قاتناشقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋەتلىرى، ھەلەبنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شەھەرنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ھەمدە سانائەت ۋە سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى. بولات ھەلەبنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈن رايوننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار