ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد ئەششارا بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد ئەششارا بىلەن كۆرۈشتى.
ترامپ سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد ئەششارا بىلەن كۆرۈشتى
/ AP

ترامپ رىيادتا سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد ئەششارا بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەھمەد ئەششارادىن سۈرىيەدىكى دائېشنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى مەركەزلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ترامپ رىيادقا قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئارىدىن  25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولدى. دەرۋەقە، بۇ رەھبەر دەل 2024-يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغان ئەھمەد ئەششارا ئىدى.

سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەد ئەششارا بىلەن ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ توردا قاتناشقان يىغىندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئەردوغان دەمەشقتىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.

تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىنى تاللىغان ئىدى، لېكىن بۇ قەدەم ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم دۈشمەنلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىسرائىلىيە ئەھمەد ئەششارا مەسىلىسىدە سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان دۈشمەن دەپ قاراپ كېلىۋاتقان سۈرىيەنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتى.

ئاقساراينىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ترامپ سۈرىيە رەھبىرىدىن پارس قولتۇقىدىكى بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىمزالىغان ئىبراھىم كېلىشىملىرىگە داخىل بولشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ترامپ يەنە ئەششارادىن پەلەستىنلىك جەڭچىلەرنى  چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىنى ۋە يېڭى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تۇتۇلغان دائېش تېررورچىلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان لاگېرلارنى كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

كۈتۈلگەندىنمۇ ئۇزۇن داۋاملاشقان يېرىم سائەتلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ترامپ بەششار ئەسەد دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ سۈرىيەنى «ھەقىقەتەنمۇ ۋەيران قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

ترامپ پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:

«سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ، لېكىن بىز سۈرىيەلىكلەرگە بۇ ھەقتە مۇھىم ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى زور شان – شەرەپتۇر.»

ئامېرىكا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە چەكلىمە قويغان ۋە بەششار ئەسەد ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالمىغۇچە، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا داخىل بولغانلارنى ئېمبارگولار ئارقىلىق جازالايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرگەن ئىدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنى 1979-يىلدىن بۇيان  تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر قارا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق شەپە بەرمىدى. دەرۋەقە، سۈرىيە پەلەستىنلىك جەڭچىلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قارار چىقىرىلغانىدى.

قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكا ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 19-يانۋار كۈنى غەززەدە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى. بىراق، ئىسرائىلىيە بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاماسنى «يوقىتىش» ئۈچۈن يېڭى ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئۇدا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كىرگۈزۈشنى توسۇپ، ئاچارچىلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا يول ئاچتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز