خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تاڭ ئاتقۇچە ئۇكرائىناغا تەۋە 136 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
[ھۆججەت] 2026-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھىرىدە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر تۆمۈريول. / Reuters

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىغا تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ئىدارە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىيېۋ رايونىدىكى ئوبۇخىۋ ناھىيەسىدە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بىر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئامبار ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈپ، ئالتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ بولسا خارابىلىكلەرنى تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي شىمالدىكى خاركىۋ رايونىغا جايلاشقان ئىزىيۇم شەھىرىگە قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا بەش كىشى يارىلانغان.

رۇسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن سىرت، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئۈچۈن ھەربىي ۋە قوش مەقسەتتە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ماتېرىياللارنى توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يۈك پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىرلىق؛ ھۇجۇم قىلىنغان نىشانلار ئارىسىدا خمېلنىتسكىيدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، ۋولىن رايونىنىڭ كوۋېلدىكى بىر تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى شۇنداقلا ئودېسسا رايونىدىكى رېنى پورتىدا يۈك چۈشۈرۈۋاتقان ئۈچ يۈك پاراخوتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق يەنە، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ماتېرىيال توشۇۋاتقان ۋە ئودېسسا پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، كېچىدە رۇسىيەنىڭ 15 ئوخشاش بولمىغان رايونىدا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە 136 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى بايقاپ يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى
كولومبىيەدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتىشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
كىرېمىل رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى داۋالغۇشقا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلدى
بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون پارىس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى كۇۋەيتتە
روسىيە ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇم كىيېۋدە بىر مېترو بېكىتىنى ۋەيران قىلدى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى